Lyrics: Mrzat-yasen
Arranger: Mrzat-yasen
ئۈنسىز ئايرىلىش
جانىم ، جانىم ، جانىم دەپ باشلاندى سۆيگۈمەنزىلى ،
گۈزەل ئارزۇ گۈزەل تېلەكلەر بولدۇق شايىدى .
لىكىن ئارزۇ داۋامىدا ، تەغدىر قىلدى بىزنى جۇدا ،
نەلەر خوشلۇشۇپ بىزبۈگۈن ئايرىلدۇق ،
شۇسەۋەب بولۇپ بىز ئەلۋىدا .
نەلەركەتتىڭ جانىم كۆزۈمدىن ئۇچۇپ يىراققا ،
قانداق چىدار يۈرەك ، سېنىڭسىز ئىشقى پىراققا ،
كىچەلەر ئۇيقا يوق ، چاقىرسام سەندە يوق سادا ،
نەلەر خوشلۇشۇپ بىزبۈگۈن ئايرىلدۇق ،
شۇسەۋەب بولۇپ بىز ئەلۋىدا .
ھېدىڭ ئىزلەپ چىمەنلەر ئاراسىدا ،
بۇلبۇل كەبى سايراپمەن گۈلزارلار ئارا ،
كەزدىم نەچچە تاغۇ - بوستانلار ئارا ،
كېتىپ قالدىڭ قەلبىمگە سېلىپ مىڭ يارا .
مەن سېنى ئەسلەرمەن ، مەن سېنى ئىزلەرمەن ،
مەن سېنى كۈتەرمەن ، مەن سېنى ئۇنىتالمايمەن .
تەلەپ ، تەلەپ ، تەلەپ جانانىمدىن بىرلا تەلەپ ،
كەل يارىم يىنىمدا تۇرغىن مىنى بەزلەپ ،
تۇرساممۇ يەككە - يىگانە ، چۆل - باياۋانلار ئارا ،
قويمىغىن مىنى بۇنچە ئازاپلار دېڭىزىدا ،
قىلىپ جانىمدىن جۇدا .
لىكىن نەلەركەتتىڭ جانىم كۆزۈمدىن ئۇچۇپ يىراققا ،
قانداق چىدار يۈرەك ، سېنىڭسىز ئىشقى پىراققا ،
كىچەلەر ئۇيقا يوق ، چاقىرسام سەندە يوق سادا ،
نەلەر خوشلۇشۇپ بىزبۈگۈن ئايرىلدۇق ،
شۇسەۋەب بولۇپ بىز ئەلۋىدا .