Anamning qaqliri

Lyrics: Ghezelhan Music: Ghezelhan Arranger: Ghezelhan باغۋەن بولسام جان ئانامنىڭ باغلىرىغا قايتسا دەيتىم گۈزەل ياشلىق چاغلىرىغا قار چۈشتى ئاھ، تۈندىن قارا چاچلىرىغا جان ئانامنىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويدۇم قايتارما: مىھرى ئوتلۇق، يۈرەك باغرى ۋولقان ئانام پەرزەنىت ئۈچۈن بىر جان ئەمەس مىڭ جان ئانام ئارمانلىرى يۈرەكىدە پىنھان ئانام جان ئانامنىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويدۇم چاچلىرىغا مىھىر بىلەن قارىۋالدىم چىگىچىنى چىقاردىم ھەم ئايرىۋالدىم ماڭا تونۇش ھىدلىرىنى پۇرىۋالدىم جان ئانامنىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويدۇم بۈگۈن يەنە چاچ ئۆرۈدى قوللىرىدا ئىپار ھىدى تاراپ تۇرار بويلىردا راھەت كۆرمەي ئۆتتى ھايات يوللىرىدا جان ئانامنىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويدۇم بۇ ھاياتنىڭ ھىكمىتىنى بىلگەن ئانام باغرى قوياش چېھرىدە ئاي كۈلگەن ئانام كۆز قارام جىنىم بالام دىگەن ئانام جىنىم ئانام، باغرىم ئانام، گۈلخان ئانام!