Henim Kizqak

چېكىپ ئۆتتۈم دەرۋازاڭنى خېنىم قىز چاق, ئاران تاپتىم پاڭزاڭنى خېنىم قىزچاق, ئىككىمىز كۆرۈشكەندە خېنىم قىزچاق, كۆرسەتمەمسەن ياڭزاڭنى خېنىم قىز چاق, ئېرىقىڭغا سۇ كەلدى خېنىم قىزچاق ! ئازما ئازما شارقىراپ خېنىم قىزچاق ! كۆرۈشكىلى قويمايدۇ خېنىم قىزچاق ! ئەسكى داداڭ ۋارقىراپ خېنىم قىزچاق, باغقا كىرسەم بېشىمغا خېنىم قىز چاق, ئالما چۈشتى پوككىدەك خېنىم قىز چاق, كەلگىن يارىم قېشىمغا خېنىم قىز چاق, سۆيۈپ قوياي چوككىدە خېنىم قىزچاق。