Jandin Sherinshan

Arranger: Muzappar- Alim ئاي يۇلتۇزلار باقمىسا قىيا قوياش يەرگە چاچمىسا زىيا دەردىم قەلەم كۆز يېشىم سىيا جېنىم دېسەم جاندىن شېرىن سەن سەنسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم تۈندۇر سەنسىز ياشاش ماڭا ئۈلۈمدۇر ۋەسلىك ماڭا ئېچىلماس سىردۇر جېنىم دېسەم جاندىن شېرىن سەن ئازابىڭدا سۇنغان بىر شاخ مەن ھىجرانىڭدا يۈرگەن ساياقمەن ئىشىق بالاسىدا يالاڭ ئاياقمەن جېنىم دېسەم جاندىن شېرىن سەن زۇلمەت سەنسىز ئاتقان تاڭلىرىم سابالارغا يىغلار قانلىرىم سەنسىز خازان ئۆمۈر باغلىرىم جېنىم دېسەم جاندىن شېرىن سەن