Lyrics: Tumurhan-Rozi
Music: Tumurhan-Rozi
Arranger: Tumurhan-Rozi
يارىم كېلىدۇ باققا
ئۆستەڭ بويىنى بويلاپ
تاڭغىچە ياتالمىدىم
مەن يارنى تولا ئويلاپ
يارنىڭ يولىدا رەيھان
بۇلبۇللار ئۇرار خەندان
بىر جىلۋە بىلەن بېقىپ
يارىم ئالىدۇ مىڭ جان
يارنىڭ يولىغا ھەر كۈن
يۇلۇزلار چاچاي دەيمەن
ئالمىدەك يۈرەگىمنى
مەن يارغا تۇتاي دەيمەن