ئىش كۆرمىگەن نادانلىرىڭ يىراق تۇر,
چوڭ سۆزلىسەك مەن بىر كۆرەي تۇرمۇش قۇر,
بىزمۇ بىر چاغ شىردەك ئەرتۇق بەكمۇ زور بەكمۇ زور,
قەددىمىزنى ئىگىۋەتتى بۇ تۇرمۇش,
توققۇز ئەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىتۇق,
ئاقماس ئىشتىن بىزمۇ شۇ چاغ نېرىتۇق,
مانا باشتا غەم ئوينىدى چارچىدۇق چارچىدۇق,
خۇددىي مىختەك قېقىۋەتتى بۇ تۇرمۇش,
مەيدە ئۇرۇپ ئەر دىيىشنى ئۆگەتتى,
ئەجىر قىلىپ تەر دىيىشنى ئۆگەتتى,
ھەرجاپاغا خەردىيىشنى ئۆگەتتى ئۆگەتتى,
يانپىشىغا ئېلىۋەتتى بۇ تۇرمۇش,
ھازىر سىنىڭ ئۇچۇپ يۇرگەن چاغلىرىڭ,
چېقىلغاندا شاق توختايسەن خامىرىڭ,
كۇندە سۇنماس بىر كۇن سۇنار جاملىرىڭ,
ساراڭنىمۇ ساق قىلۋەتتى بۇ تۇرمۇش,
خۇددىي مىختەك قېقىۋەتتى بۇ تۇرمۇش。