Lyrics: Kendrick_A
Music: Red killer
يەنە شۇ قاراڭغۇ كېچە قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم
مۇھەببەتتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ۋىجدانىمنى يوقاتتىم
ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلدىم ، ھەممە ئىشتىن زېرىكتىم
ئارقىغا بېرىپ يولدىن ئېزىپ ، شەيتاننىڭ روھىمنى تەڭ قىلدىم .
بولدى
ھەممە ئىشلار ئارقىغا يانماي كەتتى
ئىچتى
مەرھۇم دۇنيادا ، ئۆزىنىڭ كىملىكنى ئۇنتۇدى .
قاچتى
ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەي ئۆلۈۋالماقچى بولدى
يا ، پۇشايمان قىلمىدى
كۈن ساناپلا ياتاتتى
بولدى بەس
كىچىككىنە بىر قىزغۇ
بولدى بەس
شۇنچىۋالا قىلىش ئەرزىمدۇ ؟
بولدى بەس
شەيتان يولى توغرىمۇ ؟
بولدى بەس
!پۇشايمان قىلمىساڭلا بولدىغۇ
دەيتىڭ
. ئۈندىداردىكى قىز بالىلارنى بىرنىمۇ قويماي يۇيە
نېمە قىلىسەن ئۇنچىۋالا كۆپ قىزلارنى ھەممىسىنى تەڭ ئالامسە
ئۆزۈڭ جېنىڭنى باقالماي نېمەڭگە چوڭچىلىق قىلىسە
ئۆزۈڭدىن سوراپ باق ئۆزۈڭگە يۈز كېلەلەمسە
قېنى سېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ يۈرەكتىن چىقىرىپ ئېيتىپ بەرگەن ۋەدىلە
ئەسلى سېنىڭ ماس كەلمەيمىز ، دېگەن سۆزۈڭ يۈرەكنى ئىزەر
سۆزلىرىڭ نەشتەر، يۈرىكىڭ زەھەر،
ئۆتۈنەي ۋاز كېچەي زېرىكمەي تېرىكمەي بەختىڭنى تىلەي، سەندىن ئۆتۈنەي،
كۆرگۈم كەلدى دېيەلمىدىم ساڭا ؟
قەلبىمدىكى سۆزنى ئېيتتىم ئاڭلا .
يۈرەكنى ئېزىپ تەننى قىلدىڭ يارا !
ئۇنتاي دەپ ئۇنتالمىدىم ئەمما
بولدى بەس
كىچىككىنە بىر قىزغۇ
بولدى بەس
شۇنچىۋالا قىلىش ئەرزىمدۇ ؟
بولدى بەس
شەيتان يولى توغرىمۇ ؟
بولدى بەس
!پۇشايمان قىلمىساڭلا بولدىغۇ
قېنى سەن مېنى ئالىمەن دېگەن ۋەدە يوققۇ .
ئەينى ۋاقىتتىكى قان-قەسەملەر ھېلىغىچە ئېسىڭدىمۇ
تۈگۈشۈپ كەتتۇق قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە بۇنى سەن ھېس قىلدىڭمۇ،