kara kara kahilar

Arranger: Helil Mijit قارا قارا قاغىلارىم قايرىلىپ ئۇشتى  ھويلاڭدىكى چىنارىمنىڭ شىخىغا قوندى  كىشنىڭ يارى يىنىدا كۈندە مۇڭداشتى  مىنىڭ يارىم يىراقلاردا كۆزىمدىن ئۇشتى  ئاشىق مەشۇق ئايدىڭدا ئا جانىما  مەنمۇبامۇ يادىڭدا ئا جانىما  ئىگىز ئىگىز تاغ باشىدىن سىرىلدىم تۈزگە  قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئىگىلدىم سىزگە  مەيلى بىلىڭ مەيلى بىلمەڭ مەن كۆيدۈم سىزگە  ئىشقىڭىزدا كۆيۈپ ئۆلسەم ئۇۋالىم سىزگە  ئاشىق مەشۇق ئايدىڭدا ئا جانىما  مەنمۇ بامۇ يادىڭدا ئا جانىما  قاشىڭنى قارا قىلما ئا يارىما  قارلىغاشنىڭ قاناتىدەك ئا يارىما  كۆڭلىڭنى يىرىم قىلما ئا يارىما  بىز يەنە بۇرۇنقىدەك ئا جانىما