Lyrics: Elham Emam
Music: Elham Emam
كەتكەنلەگە ئاھ ئۇرما
كەلگەنلەگە دۇنيا بۇ
مۇرادىغا تىرىشىپ
يەتكەنلەگە دۇنيا بۇ
ياشاپ ئۆتكەن مەردانە
زايە قىلماي ئۆمرىنى
بۇ ھاياتقا مىھرىنى
بەگەنلەگە دۇنيابۇ
چىقسا ئەگەر چاڭ توزان
بالاڭ ماڭغان يوللادا
مۇھابەتنىڭ سۈيىنى
سەپكەنلەگە دۇنيا بۇ
ئاناڭ بىلەن ئاراڭغا سالسا
يارىڭ ئاداۋت
بۇنداق يادىن مەڭگۈلۈك
كەشكەنلەگە دۇنيا بۇ
گاھ يىغلىتىپ قويىدۇ
يىقىن بىلگەن دوسلىرىڭ
ھەرمەرتىۋە ياماندىن
كەشكەنلەگە دۇنيا بۇ
ياشاش ئۈچۈن گاھىدا
قالار ئىنسان تەمتىرەپ
ھاياتلىقنىڭ سىرىنى
يەشكەنلەگە دۇنيا بۇ