يۈرىگىڭ سەزگەندۇ سېغىندىم سىنى
كۆرگۈڭمۇ كەلگەندۇ سېغىندىم سىنى
يۈرىگىڭ سەزگەندۇ سېغىندىم سىنى
كۆرگۈڭمۇ كەلگەندۇ سېغىندىم سىنى
ئاشىق بىر يۈرەكنىڭ تەلپۈنۇشلىرى
بىشارەت بەرگەندۇ سېغىندىم سىنى
سۆيگۈنىڭ بەھرىدە بوۋاي مومايلار
ساداقەت تەختىدە شاھتۇر گادايلار
سۆيگۈدە نۇرلىنار غىرىپ چىرايلار
ئاخىرقى ئامالدىن سېغىندىم سىنى
جۇدالىق مېھرىدە سۆزلىدىم تاشقا
تۇيغۇلار نەۋقىران ئاق كىردى باشقا
سەزسەممۇ ئۆزۈمنى ئون سەككىز ياشتا
تۈگىگەن ماجالدىن سېغىندىم سىنى
يۈكۈندى ئالدىمغا ھەيۋەت تاغلىرىم
سەن ئۈچۈن ياساندى قىشتا باغلىرىم
يۈكۈندى ئالدىمغا ھەيۋەت تاغلىرىم
سەن ئۈچۈن ياساندى قىشتا باغلىرىم
غۇنچىدەك گۈللىدى دىلدا داغلىرىم
ئۈمۈرلۈك خىيالدىن سېغىندىم سىنى
غۇنچىدەك گۈللىدى دىلدا داغلىرىم
ئۈمۈرلۈك خىيالدىن سېغىندىم سىنى