Qidisag Kalgin

Lyrics: Mamatjan Raxidin Music: Yakup Bakri ئوت ئۆچمىگەن قازانلارغا ئوخشايدۇ ئالەم ئوتتىن ئۇلۇغ كۈرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن چىڭ پۈتمىگەن پاراغەتكە تۇغۇلدۇم دىسەڭ سالقىنى يوق چۆلدەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن چىڭ پۈتمىگەن پاراغەتكە تۇغۇلدۇم دىسەڭ سالقىنى يوق چۆلدەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن ھەركىم كېلىپ سۆيىۋەمەس ئىككى مەڭزىڭگە گاھ ھەم قارام سۈركەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن ھەركىم كېلىپ سۆيىۋەمەس ئىككى مەڭزىڭگە گاھ ھەم قارام سۈركەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن سىلاش ئەمەس تاتلاش ئۈچۈن تىرناقلار تەييا قۇسۇر تېپىپ جۆندەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن سىلاش ئەمەس تاتلاش ئۈچۈن تىرناقلار تەييا قۇسۇر تېپىپ جۆندەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن قۇسۇر تېپىپ جۆندەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن مۇزىكا ئەجەل باتۇر سېنىڭ ئۈچۈن ماختاشلاردىمۇ تىل تەگمىسۇن سۆزلەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن ئەجەل باتۇر سېنىڭ ئۈچۈن ماختاشلاردىمۇ تىل تەگمىسۇن سۆزلەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن بىر تال تىكەن ئايرىلىسەن بىلمەي بەزىدە ئۇچۇرغىلى پۈۋلەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن چىڭ باغلىنىپ تىرىكچىلىك ئارقانلىرىغا خالىغانچە سۆرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن چىڭ باغلىنىپ تىرىكچىلىك ئارقانلىرىغا خالىغانچە سۆرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن خالىغانچە سۆرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن چىدىساڭ كەلگىن