Lyrics: OsmanjanAmat
Music: Reyimjan-Abdukeyum
Arranger: Reyimjan-Abdukeyum
دەرت ئەلەملەر تارتساممۇ مەيلى،
كۆزۈم لىق ياش ياتساممۇ مەيلى،
كۈيلەپ داستان قاتساممۇ مەيلى،
كەتكىن يىراق كەچتىم سېنىڭدىن.
پارە-پارە بولغاندەك تېنىم
بەك ئاغرىدى سېنىڭدىن دىلىم
ھىجرانىڭدا قىينالدى جېنىم،
كەتكىن يىراق كەچتىم سېنىڭدىن.
ئەسلەپ سېنى بىداردۇر تۈنۈم
ھەسرەت چېكىپ ئۆتمەكتە كۈنۈم
چىقماس بولدى ھەتتاكى ئۈنۈم،
كەتكىن يىراق كەچتىم سېنىڭدىن.