Dunya

Lyrics: Alxir Music: Alxir Arranger: Alxir دۇنيا ئۆزۈم يالغۇز تۈرەلدىم بۇ ماكانىڭغا ، ئۆزۈمگە ئايان قانچە توغرا قانچە خاتارىم با ، چىشىمنى چىشلەپ كەلدىم چىدايمەن يەنە جاپارىڭغا، خاپىلىقىمنى جىق تارتتى ئەي يۈز كېلەلمەيمەن ئاتا ئانامغا . دۇنيا خۇشاللىقىمنى زادى نەدىن تاپالايمەن ؟ زادى قانداق قىلسام كېچىسى خاتىرجەم ياتالايمەن ؟ بەگەن سۆيگۈ راستلام بولسا بارلىقىمنى ئاتالايمەن ، سىناقلار ئالدىمدا كۆپتۇر تېخى جان تىكپمەن چاپالايمەن . دۇنيا تىزلىناي ساڭا ئازابلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكىن ، خاتا ماڭغان يوللىرىم كۆپ گۇناھلىرىمنى كەچۈرۋەتكىن ، جېنىم بەكلا قىينالدى دۇنيا بويۇن سىقىپلا ئۆلتۈرۈۋەتكىن ، دەردىم ئىچىمگە پاتمىغاچ دۇنيا نالە قىپ مەن رەپ يېزىۋەتتىم. دۇنيا ئاغىنە دېسە ھەممىسى ئېسىل دەپ قاپتىمەن،  زىيان بەرسە بىلىپ بىلمەي ئاغزىمغا ئېلىپ قاپتىمەن بۇ ھايات تاتلىقكەن ، ئەسلىدە مەن ئاچچىق يېرىگە كېىپ قاپتىمەن ئېسىل دېگەنلا نامەرد چىققاچ ئۆزۈم يالغۇز قىپ قاپتىمەن Alxir نېمە بولۇپ كەتتى بۇ دۇنيا زادى قەتىي بىلمىدىم . تاشلاپ كەتتى مۇھەببىتىممۇ ، يا ئاخىرىغىچە يۇيمىدىم . بەلكىم خۇشال كۆرۈنىۋاتىمەن ، چىن دىلىمدىن كۈلمىدىم . ئۆلۈشنىمۇ ئويلىغان ئەجەب تاتلىقكەن ئۆلمىدىم . شۇنداقمۇ ئويلىغان ئويلىغاچقا دېگۈلۈك . گەپنى دېيىشنى ماڭا ئويلىغان . يامان يولنى بويلىغان . ئاتا ئانامدىن پۇل سوراپ كەچمۇ كۈندۈز ئوينىغان . ھەددىمدىنمۇ ئاشقان بولدۇم دۇنيا خەنجەر تىقىپ جالىغان . قىينىما نېمە قىلدىم ، يا مەن ساڭا . كۆپ قېتىممۇ ياردەم بەرگەن ، ۋاپا كەلمىدى بۇ جانغا . ئاغىنەڭمۇ ئىتتىرگەن ئىتتىرىۋەتكەن چوڭ خاڭغا . ئاتا ئانامنى بۆلەك بىر كىملەر قالدى ، بۇ ياندا . دۇنيا  ساڭا بىر سوئال تاشلاي . دۇنيا  ھاياتىمنى نەدىن باشلاي . ئازابتىن ئەمەس ، خۇشاللىقتىن كۆزدىن ياشلاي . قايغۇ ھەسرەتنى بولدى ئۆزۈم يالغۇز ئۆزۈم تارتاي .