anajan

تاپالمىدىم سىزدەك مېھرىبان مېنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلار جان تاپالمىدىم سىزدەك مېھرىبان مېنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلار جان تاپالمىدىم دۇنيا ئاختۇرۇپ ئىچ كۆيەرنى جېنىم ئانىجان تاپالمىدىم دۇنيا ئاختۇرۇپ ئىچ كۆيەرنى جېنىم ئانىجان
ئەيىپلىرىم تۇرسا بىر تالاي مەن ئۈچۈنلا سالارسىز ساراي كىملەر مېنى باغرىغا ئالغاي سىزدىن قالسام ئەگەر ئانىجان كىملەر مېنى باغرىغا ئالغاي سىزدىن قالسام ئەگەر ئانىجان
چاچلىرىڭىز ئاقاردى غەمدە باغرىڭىز قان دەردى ئەلەمدە چاچلىرىڭىز ئاقاردى غەمدە باغرىڭىز قان دەردى ئەلەمدە كېلىڭ سىزنى ئالاي يەلكەمگە تاجۇ تەختىم بەختىم ئانىجان كېلىڭ سىزنى ئالاي يەلكەمگە تاجۇ تەختىم بەختىم ئانىجان
ئەيىۋىمنى كىم سۆيەر سىزدەك كىملەر ماڭا بولار يار يۆلەك ئەيىۋىمنى كىم سۆيەر سىزدەك كىملەر ماڭا بولار يار يۆلەك دەردىم ئۈچۈن يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپ كىملەر ماڭا تىلەيدۇ تىلەك دەردىم ئۈچۈن يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپ كىملەر ماڭا تىلەيدۇ تىلەك كىملەر ماڭا تىلەيدۇ تىلەك