قەدرىگە يەت
سۆزى: تۇرسۇنتوختى (باغۋەن)
مۇزىكىسى: Esan
ئورۇندىغۇچى: Suno AI
--مۇزىكا--
ئاياپ كەلدىم كۆڭلۈڭنى بىلسەڭ
چىداپ كەلـدىم باغرىمنى ئەزسەڭ
ئۇنتۇپ قالما ئۆتنە جاھان بۇ
پۇشمان قىلىسەن ياتلارغا كۈلسەڭ
ئۇنتۇپ قالما ئۆتنە جاھان بۇ
پۇشمان قىلىسەن ياتلارغا كۈلسەڭ
--مۇزىكا--
كۆڭۈل دىگەن نازۇك بىر ئەينەك
سۇنسا قىيىن ئەسلىگە كەلمەك
ئۆتكۈنچى بۇ قىسقا ھاياتتا
ئەڭ مۇھىمدۇر قەدرىگە يەتمەك
ئۆتكۈنچى بۇ قىسقا ھاياتتا
ئەڭ مۇھىمدۇر قەدرىگە يەتمەك
--مۇزىكا--
ئۆتكەن كۈنلەر ئارقىغا يانماس
كىشى ھەققى كىشىدە قالماس
ئازار بەرگەن ئەشۇ كۆڭۈللەر
سېغىنغاندا ئىزدەپ تېپىلماس
ئازار بەرگەن ئەشۇ كۆڭۈللەر
سېغىنغاندا ئىزدەپ تېپىلماس
--مۇزىكا--
بار چېغىدا قەدرىنى بىلگىن
خۇشاللىقتا تەڭ بىللە كۈلگىن
كۈلۈپ ياشاپ كەڭرى ئالەمدە
ھاياتىڭنىڭ پەيزىنى سۈرگىن
كۈلۈپ ياشاپ كەڭرى ئالەمدە
ھاياتىڭنىڭ پەيزىنى سۈرگىن
ھاياتىڭنىڭ پەيزىنى سۈرگىن
--مۇزىكا--