Music: Kaysar Samat
Arranger: Kaysar Samat
چوڭ بولىمەن
سۆزى شىرئەلى ھوشۇر
ئۈنۈملىگۈچى ئەلىجان ئاقسوپا
ئاتا مەن قاچان چوڭ بولىمەن
سىزدەك باغرى كەڭ بولىمەن
ئاتا مەن قاچان چوڭ بولىمەن
سىزدەك باغرى كەڭ بولىمەن
ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە
ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن
ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە
ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن
مۇزىكا
ئۆسەر بويىڭىز مەندىن ئىگىز
بىللە ئۆسىدۇ ھەم ئەقلىڭىز
ئۆسەر بويىڭىز مەندىن ئىگىز
بىللە ئۆسىدۇ ھەم ئەقلىڭىز
يېتەر مېنىڭمۇ بويۇم كۆككە
ئەلگە يارام ئەر بولسىڭىز
يېتەر مېنىڭمۇ بويۇم كۆككە
ئەلگە يارام ئەر بولسىڭىز
مۇزىكا
كۆزۈم ئوخشايدۇ كۆزۈڭىزگە
يۈزۈم ئوخشايدۇ يۈزۈڭىزگە
كۆزۈم ئوخشايدۇ كۆزۈڭىزگە
يۈزۈم ئوخشايدۇ يۈزۈڭىزگە
مېھرىبان ئانامنىڭ كۆڭلىدەك
قەلبىم ئوخشار ئاق قەغەزگە
مېھرىبان ئانامنىڭ كۆڭلىدەك
قەلبىم ئوخشار ئاق قەغەزگە
مۇزىكا
ئانىڭىز بىزنىڭ ئۆيىمىز گۈلىدۇر
ئەڭ مېھرىبان ئۇ سىزگە بالام
ئانىڭىز بىزنىڭ ئۆيىمىز گۈلىدۇر
ئەڭ مېھرىبان ئۇ سىزگە بالام
ئانا دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان
بارچە ئىگىلىپ قىلار سالام
ئانا دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان
بارچە ئىگىلىپ قىلار سالام
ئاتا سىزنىڭ شوق ئەركىڭىزمەن
ئانا يۈرەك پارىڭىزمەن
ۋەتەنگە يارام يىگىت بوپ
ئۈمۈدىڭلارنى چوقۇم ئاقلايمەن
بۇرچۇمنى چوقۇم ئادا قىلىمەن