Lyrics: Muhtar Bughra
Music: abduginiyasin
دەرەخزارلىقتا بوستاندا يۈرۈپ
چىچىڭدىن باشقا بوستان كۆرمىدىم
يۇلتۇز سايىسى كىچىدە قونۇپ
كۆزۈڭدىن باشقا چولپان كۆرمىدىم
ھەسەل ھەرىدەك كۆڭلۈم سەيلانە
يىگانە گۈلرۇخ-رەيھان كۆرمىدىم
سۆيگۈ يولىدا مەردۇ-مەردانە
ئۆزۈمدىن ئۆزىگە قۇربان كۆرمىدىم
قىلساممۇ قۇشتەك باشىڭدا پەرۋاز
قەلبى بۇلۇتلۇق ئاسمان كۆرمىدىم
سادىقلىققا يار ، شۇنداقلا تەنناز
جۈپ قاناتى بار ئىنسان كۆرمۈدۈم