Lyrics: Narkoz
Music: Narkoz
Arranger: Narkoz
(Music)
ماقۇلغا جاۋاب يوق ، ئۆتكەن ئىشلار كەلمەيدۇ ئورنىغا
پەقەت يېقىنلا بىلىدۇ ھاراقنى تولدۇرۇپ رومكىغا
مەن بىر كۈلسەم ئېچىلىپ ئىچىمدىن ياق دېمە . سۆيىمەن دېسەم بېرىپ يوقال ، دېگەن
ماڭا كېرەك كۈلكىدىن بىرسى ، ئەمما كۈلەلمىدىم
قۇچاقلا ئاچقىلى ئانام ئەمما باغرىمغا باسالمىدىم
تارتالمىدىم ئۆزۈمنى كەيتتىم
دوستلۇرۇم دەيدۇ پەرقىڭ بارمۇ ساراڭدىن
ئارىلاشما ئىشلىرىمغا سەنلەر دوستلۇققا يارامتىڭ
قان ئاقسىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ يارامدىن
ساڭا تېگىمەن دەپ توي قىلدىڭ تويۇڭغا بارالمىدىم
كەچۈرۈڭلار سىلەر دېگەندەك بولالمىدىم
(Music)
بەلكىم بۇ تەقدىر دەپلا بىلەيمۇ
ياشاش تەس كەلدى دەپ قالايمۇ
ئىچىمدە يىغلاپ تېشىمدا كۈلەيمۇ
رەت قىلىپ ئۆز يولۇمغا ماڭايمۇ
بىر رەت باغرىمغا باسسام سېنى دەردىممۇ چىقارمۇ
مەن كۈتكەن شۇ كۈنلەرمۇ كېلەرمۇ
بولدى سورىماڭلار ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولدى يۈرەك
بەلكىم سىلەرگە پۇل ماڭا نېمە كېرەك ؟
كاللامدا تۈگۈن ئىشەنمىدىم
مەن سۆيگەنلەر كېتىپ قالدى تۇتالمىدىم
ھاراقتىن باشقىسى كۆڭلۈمنى ئۇتالمىدى
دېمەڭلار بولدى ئەكبەر بىزدەك بولالمىدى