25

Lyrics: KEDIR Music: KEDIR Arranger: KEDIR ئىچىپ چېكىپ بۇ يېشىمدا مەسئۇلىيەتتىن قاچتىم، كۈنلەر ئۆتۈپ ئاستا ئاستا يىگىرمە بەشتىن ئاشتىم. نۇرغۇن كىشىلەر دەيدۇ مېنى سىياقى تۈپتىن ئۆزگىرىپتۇ، ئۈمۈدۋار قاراپ باقسام ئەينەك ئىچىدىكى زادى مەنمۇ، خاتالىققا ئېچىنىپ قالدىم دادا سېنى سېغىنىپ قالدىم. ئازراق تېپىلىپ قالدىم لېكىن چەتكە قېقىلىپ قالدىم، نۇرغۇن دەرتنى ئېيتقۇم بار لېكىن بېسىلىپ قالدىم، تۇرمۇشنىڭ چاقىغا قېتىلىپ قالدىم. بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇتتىم، بىر بوتۇلكا خەنىسىنى ئىستاكانغا تولدۇراتتىم، مۇرەككەپ كەلگۈسۈمدە ئۆزۈم ئۈچۈن ئويلىناتتىم، مەسۇلىيەتتىن قاچمىدىم مەن ئىلگىرىلەشتىن توختىمايتىم. ئاغىنە نېرى تارت قەسىمىڭنى، ياردىمىم لازىم بولسا قاندۇراي بىرلا قېتىم تەلىپىڭنى. پۇل دېگەن ياخشى نەرسە ھەم يەتمەيدۇ بىزگە، كەلسۇن گۈزەل كۈنلەر ياخشى قىلىمەن تەرىپىڭنى. تەخەللۇسۇم قەدىر ئائىلەم مېنىڭ شەرقىي كوچا، قىلدىم نۇرغۇن ئەجىر يولنى ماڭىمەن پۇختا. تىلەيمەن سەۋىر ئادەم بولۇشۇم نۇقتا، تاپالايمەن تەدبىر يىقىلساممۇ قايتا قايتا. تەخەللۇسۇم قەدىر ئائىلەم مېنىڭ شەرقىي كوچا، قىلدىم نۇرغۇن ئەجىر يولنى ماڭىمەن پۇختا. تىلەيمەن سەۋىر ئادەم بولۇشۇم نۇقتا، تاپالايمەن تەدبىر يىقىلساممۇ قايتا قايتا. ئانا جاپا چەكتىڭىز ھەم بېرىۋاتىسىز بەرداشلىق، سىزنىڭ بەرگەن مېھرىڭىز جېنىمدىنمۇ تەڭداشسىز. قىلالمىدىم ۋاقتىدا مېھىر بېرىپ ھېسداشلىق، ماڭا پەقەت ۋاقىت كېرەك خاتالىقىم چەكسىز. ئانا پەقەت سىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر شېئىر يازسام، قەلبىڭىزدە ئورۇن ئېلىپ بولالمايمەن شائىر. باغنى بوستان قىلىپ تاغنى يۆتكەپ نەتىجىگە ئېرىشسەممۇ، قىلالمايمەن بۇ كۆڭلۈمنى سىز قىلغاندەك قايىل. كەچۈرگىن جان ئۇكام بولالمىدىم ياخشى ئاكا، تۇرالمىدىم ئالدىڭدا نۇرغۇن ئىشنى قىلدىم خاتا. مەن ئېيتقان نەسىھەتنى مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ قالما، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقىدا يېقىنلاشما كەيىپ ساپا. سۆيگۈ ئۈچۈن ئىلگىرلەيمەن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول، سەنمۇ مېنى سۆيىمەن دەيسەن كۆرۈشكۈچە ئامان بول. سېغىنىشتىن قىيالمايسەن دەيسەن ماڭا ئاق يول، بولدى قەدىر كېچىكمە ئۆز يولۇڭغا راۋان بول. تەخەللۇسۇم قەدىر ئائىلەم مېنىڭ شەرقىي كوچا، قىلدىم نۇرغۇن ئەجىر يولنى ماڭىمەن پۇختا. تىلەيمەن سەۋر ئادەم بولۇشۇم نۇقتا، تاپالايمەن تەدبىر يىقىلساممۇ قايتا قايتا. تەخەللۇسۇم قەدىر ئائىلەم مېنىڭ شەرقىي كوچا، قىلدىم نۇرغۇن ئەجىر يولنى ماڭىمەن پۇختا. تىلەيمەن سەۋىر ئادەم بولۇشۇم نۇقتا، تاپالايمەن تەدبىر يىقىلساممۇ قايتا قايتا. ھاياتلىقتا بىر ئاكام بار ھەم ئۇستازىم مۇتەللىپ، بەزى چاغدا سىز كۈتكەندەك بولالمىدىم مۇنەۋۋەر. قانداق ئادەم بولۇشنى بىلدىم قايسى يولدا مېڭىشنى، قايتا قايتا تىرىشىۋاتىمەن بولۇش ئۈچۈن مۇكەممەل. نەتىجىگە ئېرىشىپ بولۇپ ئادەمگەرچىلىك قايتۇرىمەن، شەرقىي كوچا گۇرۇپپىسىنى شام چىراقتەك ياندۇرىمەن. ئۇنۇتمايمەن قوللىغاننى كەينىمدە تۇرۇپ قەستلىگەننى، نامەرد دۈشمەنلەرنى مۇرادىغا قاندۇرىمەن. تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىدىم تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەللىك ئۈچ پىرسەنت بىلەن ئۆزۈم يالغۇز سوقۇشتۇرۇپ. پۇل تېپىشنى خىيالى بىلەن پىلانىمنى ئۇلاشتۇرۇپ، دوستلىرىمنى ئەسلىگەچ ھەم تېكىستلىرىمنى قۇراشتۇرۇپ. ئوڭ قانىتىم جەرىس سول قانىتىم لايىر، مەن پەقەت رەپچى ئەمەس رېئاللىقتا شائىر. بىر مەزگىل يوقاپ كەتتىم تىنىچ تۇرغان ماھىر، ھېچكىم مەندەك رەپچى ئەمەس ھەممىنى قىلىمەن قايىل. تەخەللۇسۇم قەدىر ئائىلەم مېنىڭ شەرقىي كوچا، قىلدىم نۇرغۇن ئەجىر يولنى ماڭىمەن پۇختا. تىلەيمەن سەۋىر ئادەم بولۇشۇم نۇقتا، تاپالايمەن تەدبىر يىقىلساممۇ قايتا قايتا. تەخەللۇسۇم قەدىر ئائىلەم مېنىڭ شەرقىي كوچا، قىلدىم نۇرغۇن ئەجىر يولنى ماڭىمەن پۇختا. تىلەيمەن سەۋىر ئادەم بولۇشۇم نۇقتا، تاپالايمەن تەدبىر يىقىلساممۇ قايتا قايتا.