Eslide 原来

Music: rozi beg Arranger: rozi beg ئەسلىدە سېنىڭ مېنى سۆيدۈم دىگىنىڭ، بىلدىم قۇرۇق گەپكەن ئەسلىدە. ۋىسال ئەمەس ماڭا بەرگىنىڭ، داۋاسى يوق دەرتكەن ئەسلىدە. قانداق قىلاي بىلەلمىدىم ھېچ، ساق يۈرۈكۈم بوپ قالدى زىدە، يالغۇزلۇقۇم ياخشىكەن بىلسەم، سۆيمىسەمچۇ سېنى ئەسلىدە. نىچۈن مېنى قىينايسە بۇنچە، نېمە ئوي بار بىلمىدىم سەندە. يالغانمىدى ماڭا كۆيگۈنۈڭ، كىمنى سۆيگەن ئۆزۈڭ ئەسلىدە. سېنى شۇنچە سۆيگۈنۈم ئۈچۈن، ساڭا باققان ئىدىم ھەممىدە، سۆيمىگەننى سۆيۈپ ھاياتتا، مەن ئۆزۈمگە قىلدىم ئەسلىدە.