Kitipsan Dadam

Lyrics: TURSUN KIRIM Music: Litip Qayil Arranger: Litip Qayil سېنى بار دەپ كۆڭلۈم توق ئىدى،  سەن بولغاچقا غېمىم يوق ئىدى . ئاڭلاپ خەۋەر ۋىجدان سوتلىدى،  مەن بارغۇچە كېتىپسەن دادام . ئاغرىپ ياتساڭ ھالىڭ سورالماي،  يانلىرىڭغا ھازىر بولالماي . پۇشايماندا قالدىم چىدالماي ، مەن بارغۇچە كېتىپسەن دادام . ئاخىرقى رەت دىدار كۆرەلمەي ، ۋىدالىشىپ خوشمۇ دىيەلمەي . بۇ ئەلەملەرگە بەرداش بېرەلمەي ، مەن بارغۇچە كېتىپسەن دادام . ماڭالمىدىم سېنى كۆتۈرۈپ ، قويالمىدىم يەرلىككە كۆمۈپ . يىغلاپ قالدىم دەرتتە ئۆكۈنۈپ ، مەن بارغۇچە كېتىپسەن دادام.