Kandak Kip Beray

Lyrics: amarjan amat Music: Anwar Maglik Arranger: Abdusalam Abdurxit قانداق قىپ بىرەي يېنىڭغا كەلسەم چىراي ئاچمايسەن قىيا كۆزۈڭدە ياكى باقمايسەن، شۇنچە قىلساممۇ ياتنى خالايسەن، ئېيتقىنە ساڭا قانداق قىلىپ بېرەي. مېھىرىمنى ساڭا بەردىم يەتكۈچە، سېنى كۈتەتتىم كۈندۈز ھەم كېچە، پەقەت پاتمىدى ئازاپ ئىچىمگە، ئېيتقىنا ساڭا قانداق قىپ بىرەي. يۈرەكنى تەندىن ئالمىدىم پەقەت، ياكى يۈرەكنى يارمىدىم پەقەت، ئۆزگىگە نەزەر سالمىدىم پەقەت، ئېيتقىنا ساڭا قانداق قىپ بىرەي. سېنىڭلا بولدى يېنىمدا بارى، سەن بۇلۇپ يۈردۈڭ باشقىنىڭ يارى، قىلچىلىك مەندىن بولمىدىڭ رازى، ئېيتقىنا ساڭا قانداق قىپ بىرەي.