Yanjukum

Yanjukum Vocals: Kahar Beg 词~曲:Anwar Maglik 歌词贡献者:Elham-Mamat يامان چاغدا قۇرۇپ كەتتىڭ تىيىن يوق ئالدىدا بار خەجلەي دىسەم كېيىن يوق شېرنىسى يوق تاۋاقتىمۇ چىۋىن يوق ياخشى يارغا يامان قىلدىڭ يانچۇغۇم شېرنىسى يوق تاۋاقتىمۇ چىۋىن يوق ياخشى يارغا يامان قىلدىڭ يانچۇغۇم كۈندە سەندە بولسا مەنمۇ ياخشىتىم تاپقىنىمنى چوقۇم ئايىماي چاچىتىم دوست يارەنگە ھارماي ئىشىك ئاچىتىم ياخشى دوستقا يامان قىلدىڭ يانچۇغۇم دوست يارەنگە ھارماي ئىشىك ئاچىتىم ياخشى دوستقا يامان قىلدىڭ يانچۇغۇم ♬…♬ سىنىڭ بىلەن قەدىرلىكتىم ئەزىزتىم نەگە بارسام ھۆرمەت بىلەن ئىززىتىم ئاشار ئىكەن سەن بىلەنلا قىممىتىم مېنى ئەجەپ خارلاپ قويدۇڭ يانچۇغۇم ئاشار ئىكەن سەن بىلەنلا قىممىتىم مېنى ئەجەپ خارلاپ قويدۇڭ يانچۇغۇم سەندىن سىزگە ئايلىنىشقا ئاز قالغان تاتلىقىم دەپ يەۋەتكىلى تاس قالغان ئۆزۈم يىمەي شۇلارنى دەپ ئاچ قالغان يۈزسىزلىكنى قىلىپ قويدۇڭ يانچۇغۇم ئۆزۈم يىمەي شۇلارنى دەپ ئاچ قالغان يۈزسىزلىكنى قىلىپ قويدۇڭ يانچۇغۇم مېنىڭ پۇلۇم ھىسابى يوق بىكار پۇل ئاغىنەمگە سورونغىلا چاكار پۇل يارنىڭ پۇلى ئىسمى ئىسىل مىننەت پۇل يامان چاغدا قۇرۇپ كەتتىڭ يانچۇغۇم يارنىڭ پۇلى ئىسمى ئىسىل مىننەت پۇل يامان چاغدا قۇرۇپ كەتتىڭ يانچۇغۇم مېنى ئەجەپ خارلاپ قويدۇڭ يانچۇغۇم ياخشى دوستقا يامان قىلدىڭ يانچۇغۇم يۈزسىزلىكنى قىلىپ كەتتىڭ يانچۇغۇم