Hayat Digan ana xu

Lyrics: Muammatjan Raxidin Music: Taxmamat-Batur ھايات دىگەن ئەنە شۇ چۇشەندۇر دەپ تۇرىۋالدىڭ ھاياتنى نىمە دەيمەن يەنە دىسەم يەنە شۇ كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۇچۇن ئات چىپىپ مەنچە بولسا ھايات دىگەن ئەنە شۇ
بىسىلمايدۇ ھاياتلىقنىڭ ۋاڭ چۇڭى تاپالمايسەن نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى بىرى خۇشال بىرى مىڭبار ھال مۇڭى مەنچە بولسا ھايات دىگەن ئەنە شۇ.
ئاھ ئۇرارسەن ئارزۇيۇڭغا يىتەلمەي يا ئارزۇنىڭ ئىشىكىدىن كىتەلمەي گاڭگىرايسەن بىرنى ئىككى ئىتەلمەي مەنچە بولسا ھايات دىگەن ئەنە شۇ.
گاھ ئىتىزغا بۇغداي ئارپا تىرىيسەن گاھ خامانغا غۇلاچىڭنى كىرىيسەن تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قىرىيسەن مەنچە بولسا ھايات دىگەن ئەنە شۇ