Lyrics: AMax
Music: AMax
Arranger: AMax
مەنزىللەر غۇۋا
ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتاكى پەسىللەر غۇۋا
كىملەر گۇۋاھ
يارىلانغان قەلىبكە كىم كىملەر گۇۋاھ
ئەڭ يېقىن ئادەملىرى ئايرىلغاندا قېشىدىن
ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ بىر قاراشتا تېشىدىن
بېشىدىن تالاي ئىشنى ئۆتكۈزگەن باللا
بۇ ھاياتنىڭ مەناسىنى ئىزدەيدۇ كېچىدىن
كېلىشكەن بەستى كىيىنىشى چەستى
چەمبىرەككە چىقاغىنى ئاخسا چۈشكەن رەسىمى
كۆرسەتكىنى ئەمەس ئۇنىڭ ھەقىقى ئەسلى
كۈلكىسى ئاشكارە كۆز يېشى مەخپى
كۆنۈپ كەتتى ئۇ
ئۆتسىمۇ كۆيۈپ دەتتە ئۇ
تۇرمۇش دەپ ئارزۇلانىمۇ
يۈرەككە كۆمۈپ كەتتى ئۇ
ۋاي دەپ ئاسرىغاننىمۇ تاشلىغاننىمۇ كۆرۈپ يەتتى ئۇ
كىم كىملەر خۇمسى كىملەر ھەقىقى دوستى بىلىپ يەتتى ئۇ
سۆيگەن لېكىن سۆيۈلمىگەن
شۇندىمۇ چۈشىدىكە كۆڭۈل دېگەن
كەتكەندە ئاھ ئۇرۇپ ئىزدىگەنلە
ئۇنىڭ بارىدا قەدرى ئۆتۈلمىگەن
بالا كەلسىمۇ كۈتۈلمىگەن
شۇ تەغدىرگە تىزى پۈكۈلمىگەن
ۋىجدان غورۇرى دەپسەندە بولغاندىن
مىڭ ئارتۇق ئۆلۈم دېگەن
مەنزىللەر غۇۋا
ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتاكى پەسىللەر غۇۋا
كىملەر گۇۋاھ
يارىلانغان قەلىبكە كىم كىملەر گۇۋاھ
ئۇ دەيدۇ جاھاندا كىمدە غەم يوق
ياشايمىز ھامىنى بىرى كەم بوپ
دۇنياغا) كۈلۈپ كېپ كۈلۈپ كەتكەن يوق)
ئارمان كۆپ دەرمانغا يەتكەن يوق
بۇ ھايات خۇددى بىر قائىدىسىز بەيگە
قەدەمدە بىرسى كېپ ئىتتىرىدۇ مەيدە
خوشاللىق ئېپ كەسە گاھىدا بىر غەلبە
مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ مەيدە
ھاياتلا بولساق سىناقلا كۆپ
بۇ ئۇزۇن يولدا قىزىل چىراقلا كۆپ
تاتمىغان تېخى پىراقلا كۆپ
ھەم تاتلىغانغا تەييا تىرناقلا كۆپ
ئاسرىغان ئادەملە ئاسىيلىق قىلىپ
ئاستىرىتتىن قۇرغان قىلتاقلا كۆپ
شۇنداق ھاياتكەن بۇ
ياشاشنىڭ مەناسىنى تاپقىچە كېتىدىكە بىراق ئۆتۈپ
مەنزىللەر غۇۋا
ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتاكى پەسىللەر غۇۋا
كىملەر گۇۋاھ
يارىلانغان قەلىبكە كىم كىملەر گۇۋاھ