Karaptur

Lyrics: Mirzat Mamtimin Music: Ghulamjan Yakup Arranger: ImamAblimit سۆيۈپ كەتتىڭ ئۆزگىنى كۆزۈم قالدى يولۇڭدا شۇنداق توزۇپ كىتەرمۇ بەخىت گۈلۈم قولۇڭدا سۆيدۈم سىنى دىگەنلەر كۆيمەس مەندەك ئوتۇڭدا يىتىپ بىر كۈن قەدرىمگە زارلىنىسەن قاراپتۇر سۆيدۈم سىنى دىگەنلەر كۆيمەس مەندەك ئوتۇڭدا يىتىپ بىر كۈن قەدرىمگە زارلىنىسەن قاراپتۇر ♪♪ خاتا ئويلاپ قاپتىمەن يايرىم بار دەپ كۆڭلى ئاق يامان دەپسەن ئاڭلىسام ياخشىلارنى كۆرۈپ باق بۇ مۇھاببەت كۇچىسى ئەلمىساقتىن مۇشۇنداق سەنمۇ ھىجران ئوقىدا يارلىنىسەن قاراپتۇر بۇ مۇھاببەت كۇچىسى ئەلمىساقتىن مۇشۇنداق سەنمۇ ھىجران ئوقىدا يارلىنىسەن قاراپتۇر ♪♪ ئاجىز بەندە ئىكەنمەن يوقتۇر ئۆزگە ئامالىم كۆرەڭلىمە بۇ دىگەن ئۆتنە جاھان جانانىم ئۇنتۇپ قالما بىر كۈنى يىتىپ ساڭا ئۇۋالىم نامەرتلەرنىڭ قولىدا خارلىنىسەن قاراپتۇر بىر چاغلاردا كەتكەنتىڭ پەرۋا قىلماي يېشىمغا ئۆلۈپ كەتسەم ياش تۆكۈپ كەلمە قەبرەم بېشىمغا ھايات بولسام ئەگەردە كېلىپ بىر كۈن قېشىمغا كەچۈر مېنى جېنىم دەپ يالۋۇر سەن قاراپتۇر ھايات بولسام ئەگەردە كېلىپ بىر كۈن قېشىمغا كەچۈر مېنى جېنىم دەپ يالۋۇر سەن قاراپتۇر tëkist Tëhrir:DjaGirKeliQ