Hiyanet

Arranger: KSC Lyrics: RiTSAR Music: RiTSAR ئەسلىدە !! كىچىلەردە ئۇيقۇسىزمەن ئاشۇ قىزنىڭ دەستىدە ، دوستۇم ئاتالغان دۈشمىنىم بوپتۇ يارنىڭ قەستىدە ! پەچەت ياسىنىپ يەمچۈك تاشلىدى تايىنىپ قولىدىكى يارماققا ، كۆلچەكتىكى بېلىق بولدۇڭ ئىلىندۇردى قارماققا . دوستۇمنىڭ ھەم دوستى باكەن لايىقىمنىڭ ئاشنىسى ، ئاشۇ يۈزسىز كىشىلەر گويا پەتەڭگەمنىڭ پاشنىسى ! ۋاقتى كەلمىسە ئېچىلامدۇ ؟ كىۋەزلىكنىڭ پاختىسى ، ئۆزلىكىدىن بۇزۇلامدۇ ؟ ساق كونۇپكا تاختىسى . بايلىقنى دەپ ساڭا ئوخشاش مۇھاببەتتىن ۋاز كېچىدۇ ، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان گۈزەللەرنىڭ ساختىسى ! كۆيۈنۈپ ساڭا مېھىر بەرسەم يارىم بۇنى بىلمىدىڭ ، قەلبىڭ نازۇك ئۆزۈڭ سىرلىق ۋەدىگە ۋاپا قىلمىدىڭ . ساڭا شۇنچە ئىشەنسەممۇ يەنە مېنى ئالدىدىڭ ، مۇھاببەتنىڭ دوقمۇشىدا « بولدى تۇرۇپ قال ! » دېدىڭ . نەدە قالدى مۇھاببىتىڭ ؟ نەدە قالدى ساداقەت ؟ ئاقكۆڭۈللۈكۈم تۈپەيلى كۆرۈندۈممۇ ھاماقەت ؟ ئالقىنىمدا تۇرۇپ قالدى ساڭا ئالغان ئۈزۈكمۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئەمدى سېنى ئۇنۇتقىنىم تۈزۈكمۇ ! ئۇنتۇپ كېتىمەن دىيىش ئاسان لېكىن ئۇنتۇش بەكمۇ تەس ، توي قىلىشقا تەلەپ قويسام ئويلاپ قالدىڭ مېنى مەس ! مەس ئەمەستىم سەگەكتىمغۇ ، ئەرمەك ئەمەس ئەركەكتىم مەن ، پەس كۆردۈڭمۇ سۆيگۈمنى سەن ؟ يىتەر ئەمدى بولدى بەس !! Hook : سۆيگۈ ۋاپا ، ئىشەنچ ئۇ نىمە ؟ ئالدىڭغا كەلگەننىڭ ھەممىنى يىمە ! مۇھاببەتنى سەن چۈشەنمەي تۇرۇپ ، كۆڭلۈمگە ئازار بېرىمەن دىمە !! V2 : ئىسىل ماشىنا ھەيدەپ كەلسىلا دوستۇم بىلەن كىتىپسەن ، قاراپ تۇرسام ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئىتىپسەن . ھەيران قالدىم كۆز ئالدىمدىكى نومۇسسىز ئىشلارغا ، نەزەر سالدىم ئاسماندىكى ئۇچۇۋاتقان قۇشلارغا… ھىجىيىپ كەتتىڭ كۆرسىتىپ ماڭا ئۇ ئىپ بەرگەن زەنجىرىڭنى ، ھەرگىز ئەستىن چىقارمايمەن يۈرەككە ئاتقان خەنجىرىڭنى . ئۇنتۇپ قالما ياخشى كۈن يوق خىيانەتچى كاززاپقا ، ئۆتنە جاھان سەنمۇ ھامان قالىسەن چوقۇم ئازاپقا !! بۇنى كۆرۈپ دوستلۇرۇمغا ئىشەنچىممۇ نۆل بولدى ! مۇھاببەت گۈلزارلىقىم خىيانەتتە چۆل بولدى ! ئۇ قىز بۇرۇن نەزىرىمدە ئېچىلمىغان گۈل ئىدى ، ئەمدى خەق بىلەن ياتاق ئېچىپ توزۇپ كەتكەن كۈل بولدى !! ئىككىمىز ئەسلى بىر كېمىدە لېكىن سەن مېنى تاشلىۋەتتىڭ ! دوستۇم بىلەن قۇچاقلىشىپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلىۋەتتىڭ ! شۇندىن بېرى مەن دېڭىزدا ، نەدە قالدى قۇرۇقلۇق ؟ ئاسمىنىممۇ قاپقاراڭغۇ كۆرۈنمىدى يورۇقلۇق… ئىشەنچ قىلسام ساڭا شۇنچە ماڭا بەردىڭ خىيانەتنى ، ئۇنۇتتىڭمۇ ؟ ئېھ گۈزەلىم ! پاك سۆيگۈ ۋە دىيانەتنى . قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە ئايان دوست ئاتالمىش ئەي يىگىت ، ساڭا ئاتاپ قويۇپ قويدۇم يۈرۈكۈمگە بىر چىكىت ! « . » Hook 2 : سۆيگۈ ۋاپا ، ئىشەنچ ئۇ نىمە ؟ ئالدىڭغا كەلگەننىڭ ھەممىنى يىمە ! مۇھاببەتنى سەن چۈشەنمەي تۇرۇپ ، كۆڭلۈمگە ئازار بېرىمەن دىمە !! X2