Lyrics: Bilal
Music: Bilal
Arranger: Bilal
ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرىمەن غەرق مەس بولۇپ قاۋاقتا،
سەن باغرى تاش تۈپەيلى دەردىمنى چىقىرىپ ھاراقتا.
ئاچچىق قىرتاق ھاراقتىن يوقتۇر باشقا سىردىشىم،
ئەسلى سىردىشىم ئىدىڭ قالدىم ھازىر ئازاپتا.
ئاخىرلاشتى سۆيگۈمىز سىنى سۆيىمەن دەپ باشلىنىپ.
ئەجەب زار خار بولدۇمغۇ سۈيۈپ تۇرۇپ تاشلىنىپ،.
سەن يات بىلەن كەتكەن چاغدا بولدى باغرىم چاك چاك يېرىق،
ئېغىر كەلدى تاشلاپ كەتكىنىڭ قالدى كۈزۈم ياشلىنىپ.
جاندىن ئەزىز كۆرسەم سىنى لېكىن ئۆزۈڭ بىلمىدىڭ.
مۇھەببەتنى ئۇيۇن چاغلاپ ئەقىدەمنى سەزمىدىڭ.
بىلگىنىمدە باشقا بىلەن يۈرگىنىڭنى چاندۇرماي.
ئۇ كىم دىسەم يىراق تۇر دەپ نەزىرىڭگە ئىلمىدىڭ.
سەن يات بىلەن كەتكەندە كۆزۈم قالدى يۇلۇڭدا.
خازان بولدى بەخت گۈلۈم توزۇپ سىنىڭ قولۇڭدا.
سىنى ھەردەم سېغىنغاندا سۈرىتىڭگە قارايتتىم مەن
ھازىر ئاشۇ سۈرەتلىرىڭ قالدى بىرچەت بولۇڭدا.
قالدىم مانا سەن سەۋەبلىك يۈرەكلىرىم يارلىنىپ،
ھەركۈن شۇنداق غەمكىن مەن بىر ساڭىلا زارلىنىپ
قانداق كۈنەي سەنسىزلىككە قالدىم ھەسرەت ئىلكىدە،
جاندىن ئەزىز كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم ساڭا خارلىنىپ.
ئىچ باغرىمنى تېلىپ كەتتىڭ ئىچ ئاغرىتماي باغرى تاش.
ئازابىڭدا كۆزدىن ئەمەس، يۈرىكىمدىن ئاقتى ياش.
بىر كۈنلەردە قايتىپ كەلسەڭ، قارىمايمەن بىلىپ قال.
ئازابىمغا سەۋەپ بولدى يالغان ۋەدەڭ، كۆز بوياش.
زەرچىلىكمۇ خۇشاللىق يوق ئېچىلىپ بىرھەم كۈلۈشكە.
مەنمۇ ئەمدى مەجبۇر بولدۇم يالغۇزلۇققا كۆنۈشكە.
ئۆز خىلىمنى كۈتەي ئەمدى، سەن كېتىۋەر يات بىلەن.
بۇ كۆڭلۈمنىڭ رايى يوقتۇر سىنى ئەمدى كۈتۈشكە.
چىن دىلىمدىن سۆيۈپ سېنى ئېرىشكىنىم نادامەت.
قاراپ تۇرۇپ قىلدىڭ سەن، سۆيگۈمىزگە خىيانەت.
ساڭا بەخت تىلەي، ئەمدى كۆرۈنمىگىن كۆزۈمگە.
كەچتم مەنمۇ سېنىڭدىن، تاپالمىغاچ ساداقەت.