Yashliq 青春

Lyrics: Abdugini Ablikim Music: Abdugini Ablikim قويۇندەك تىز ئۆتەر ياشلىق مەۋسۇمى قەدرىنى بىلمىسەڭ غەملەر يېمىسەڭ ياندۇرغىن دىلىڭگە بىلىم شامىنى ھاياتىڭ يولىدا ئېزىقماي دېسەڭ ۋە لىكىن بىلىمگە ئېرىشمەك مۈشكۈل يىڭنىدە قۇدۇقلار قازماق مىسالى كېچىدە كۆرۈنگەن ئوتلار يىراق ۋە لىكىن يەتمەكنىڭ باردۇر ئامالى پەلەكتە قاناتسىز ئۇچالمايدۇ قۇش تۇپراقتا نۇر كۆرۈنمەي ئۆسەلمەس گىياھ ئىنسانغا بىلىم نۇر بىلەن قاناتتۇر ئەل قوينى تۇپراق ھەم كەڭ ئاسمان مۇزىكا قويۇندەك تىز ئۆتەر ياشلىق مەۋسۇمى قەدرىنى بىلمىسەڭ غەملەر يېمىسەڭ ياندۇرغىن دىلىڭگە بىلىم شامىنى ھاياتىڭ يولىدا ئېزىقماي دېسەڭ ۋە لىكىن بىلىمگە ئېرىشمەك مۈشكۈل يىڭنىدە قۇدۇقلار قازماق مىسالى كېچىدە كۆرۈنگەن ئوتلار يىراق ۋە لىكىن يەتمەكنىڭ باردۇر ئامالى پەلەكتە قاناتسىز ئۇچالمايدۇ قۇش تۇپراقتا نۇر كۆرۈنمەي ئۆسەلمەس گىياھ ئىنسانغا بىلىم نۇر بىلەن قاناتتۇر ئەل قوينى تۇپراق ھەم كەڭ ئاسمان بىلىمنى قەدىرلەڭ، قەدىرلەيلى بىز ياشلىقمۇ قىممەتتۇر، بىلىممۇ قىممەت ياشلىقنى تىگىشسەڭ ئىلىم، بىلىمگە ياشارسەن بىر ئۆمۈر مەنىلىك ئەبەت