Muhebbet 爱情

Lyrics: iskender Semet Music: iskender Semet Arranger: iskender Semet تېكىستى :iskenderSemet مۇزىكىسى :iskendersemet تەرجىمان :گۈلبانۇ ئىسكەندەر بىر چاغلاردا باغرىمدا باغرىڭ شامدەك ئېرىپ گۈلدەك ئېچىلغان كۆزلۈرۈڭدە بەخت كۈلكىسى كۆزلۈرۈمگە كۆز بوپ سىزىلغان قايسى ئاشىق مەشۇقتىن كەچكەن قايسى مەشۇق ئاشىقتىن تانغان سەن بىۋاپا ئەمەسسەن بەلكى مۇھەببەت ئۇ شۇنداق يارالغان مۇزىكا گاھى مۇزمەن گاھىدا ۋولقان گاھى كىيىك گاھىدا قاپقان شۇ مۇھەببەت كىمنى كۈلدۈرۈپ شۇ مۇھەببەت كىمنى يىغلاتقان سەۋدايىڭمەن ساڭا باغلانغان كۈلۈپ - كۈلۈپ ياشقا ئايلانغان لەيلىمدۇرسەن مەجنۇنىڭدۇرمەن كۈتۈپ - كۈتۈپ تاشقا ئايلانغان