باغ ھويلامنىڭ ئىچىدە،
بىر جۈپ ئۈجمە دەرىخى.
باغ ھويلامنىڭ ئىچىدە،
بىر جۈپ ئۈجمە دەرىخى.
ئاق ئۈجمىدەك مەي باغلاپ
ساقلىدىم يار مەن سېنى
پىشقان ئاپپاق ئۈجمىدىن،
ساڭا تېرىپ بىرەيمۇ ؟
پىشقان ئاپپاق ئۈجمىدىن،
ساڭا تېرىپ بىرەيمۇ ؟
سەن كەلگىچە يولوڭدا
ئايدەك ساقلاپ تۇرايمۇ
ئۈجمىلىكتە تەلمۈرۈپ،
ئاقتى كۆزنىڭ قارىسى
ئۆزۈڭ سالدىڭ بۇ ئوتنىڭ
سەندە يوقمۇ چارىسى
ئاق ئۈجمىنىڭ تەمىنى،
تېتىپ باقسام سەن بىلەن.
ساقلىغاندا كەلمىسەڭ
كۈنۈم ئۆتەر غەم بىلەن
ئاق ئۈجمىدەك ئاق يارىم،
دۇنيالىقتا تاق يارىم.
ئاق ئۈجمىدەك ئاق يارىم،
دۇنيالىقتا تاق يارىم.
كەلگىن قاناي مېھىرىڭگە
كۆزۈمگە بىر باق يارىم
كەلگىن قاناي مېھىرىڭگە
كۆزۈمگە بىر باق يارىم