Gulgine

Music: Tohti Sabir Arranger: Abdulla Bekri گۈلگىنە
ساڭا ئاتاپ باغدىن رەڭدار گۈل تەردىم گۈزەللىكنىڭ پەرۋانىسى گۈلگىنە ياش ئۆمرۈمدە بىر ساڭىلا دىل بەردىم ھاياتىمنىڭ بىر دانىسى گۈلگىنە
ماڭغان ئۇزاق يوللىرىمدا سىرداش سەن مېنى كۈتكەن، مېنى سۆيگەن قاياش سەن تۈنلىرىمنى يورۇتقان نۇر، قۇياش سەن يۈرىكىمنىڭ غەمخانىسى گۈلگىنە
يانلىرىڭغا بارالمىدىم ئەي جانان سەنسىزلىكتىن مەنمۇ چەكسىز پەرىشان قۇتلۇق كۈندە جەم بولىمىز بىز ھامان چىن مۇھەببەت دۇردانىسى گۈلگىنە
ۋەسلىڭ ئىزدەپ ئۆتمەكتە بۇ گۈزەل ياز ھىجرانىمنى قانچە ئېيتسام يەنە ئاز سەنمۇ مېنى سېغىنغاچقا چالدىڭ ساز مېھىر - ۋاپا مەردانىسى گۈلگىنە
تېكىست تەرجىمە قىلغۇچى:نىجات مەمەت