Aslimilik Qatma Nahxilar

Lyrics: Muhtar Bughra Music: Muhtar Bughra Arranger: Muradel Abdusalam ئەسلىمىلىك چاتما ناخشىلار سەن ناخشا سورىساڭ مېنىڭدىن دوستۇم ناخشامنى مەن سەندىن ئاياپ نە قىلاي غەزىلگە-ھەزىلگە ئاشنا ئىدىڭغۇ ناخشامدىن يولۇڭغا پايانداز سالاي ئەي مەجنۇنتال مەجنۇنتال  كۈيلۈرۈمگە قۇلاق سالاي ئېيتىپ بىرەي سىرىمنى  ئەپقاچمىسۇن شوخ شامال لەۋلىرىڭنى ئۇزاتما سۈزۈك كۆلچەك يۈزىگە كۈندەشلىكىم كىلىدۇ شاماللارنىڭ سۆزىگە   ئانا تۇرسا گۈلخۇمار  پەرزەنتكە كۆز تىگەرمۇ ئاتا تۇرسا ئىپتىخار جاپاغا باش ئىگەرمۇ   ئانا تۇرسا گۈلخۇمار ئاتا تۇرسا ئىپتىخار ئانا دىگەن غەمگۈزار ئاتا دىگەن مەدەتكار ئەركەمسەن ئەركەمسەن ئەركەمسەن ئەركەم گۈل بولساڭ ئىسمىڭ چوقۇم ياۋا گۈل قارلىق تاغ-قىيالاردا ئىچىلغان  يوق ئىكەن ئەركىلەتمە ئىسمىڭ لەقىمىڭ دەرەخلەرگە ئويۇلغان شاماللاردىن ئىسمىڭنى ئاڭلاپ قالسام زوققى كىلىپ قۇشلارمۇ قىلار تەنتەنە گەر خالىسام ئىسمىڭ ئەركەم بولسۇن بولسۇن شۇنداق ئاتاش بىزگە ئەنئەنە ھەيران بولما ھەيران ئۈنۈپ قالار چۆلدىمۇ رەيھان قار لەيلىسى باغقا ئۈنمەيدۇ گۈلزارلىقتا گۈلمۇ پەرىشان ھەيران ھەيران بولۇپ ھەيران يۈرمە يۈرمە ھەممىگە ئۆمرۈم ئۆمرۈم خوش ئۆتەر يەتسە ئۆزەڭنىڭ قەدرىگە كاۋاپ يەڭلار كەلسىلە مىھمان سەپكەنلىرىم دورىيۇ دەرمان كاۋابىمنىڭ كۆشىدۇر پاقلان ئولتۇرسىلا مانا ئورۇن جاي دەملەپ بىرەي سىلىگە سىن چاي ھاياتلىقتا بولىدىكەن كەپ-كىتىش شۇنچە ئىغىر لىكىن كىچىش ئۇچۇپ كەتسە كۈزدە قارلىغاچ كەچتى دىمەڭ يوقىسا بىر قىش ھەجەپ ئوماق قارلىغىچىم مەن ئۈچۈن كۈلسەڭ قەدىردان ماڭا ساڭا ئېيتاي كەتسەڭمۇ كەت لىكىن كەچمىگىن قارلىغاچ بول مەنمۇ بولاي پىشايۋان ساڭا ئايلىنىمەن كوچاڭدىن  ئايدىڭ تۈندە نەچچە رەت سالقۇن كىرسۇن ئۆيۈڭگە  دىرىزەڭنىڭ ئىچىۋەت ئاي يۈزۈڭنى يۇلتۇزلار  قىلىۋالسۇن تاماششا دىرىزەڭدىن باقمىدىڭ  ياڭراتساممۇ كۈي ناخشا ھەي تەڭتۈشلار  ھەي شىرىن چۈشلەر دەرىزىلەردە گۈزەل نەقىشلەر ھەي تەڭتۈشلەر بىر مۇئەللىمدىن ئالغان پەرۋىشلەر دىلگغا مۆھۈردەك سالدى نەقىشلەر ۋىسال كۈتۈشلەر ھەسرەت يۈتۈشلەر بىر قىزغا تەڭلا خەت يىزىشلەر بىر قىزنى تەڭلا ياخشى كۆرۈشلەر بولغىن دوستلۇرۇم ئامان دوستىن ئايرىلغان يامان ئەخلاقنى تۇتايلى يار  بۇ دۇنياغا بىز مىھمان ئاتۇشنىڭ بازارى كەڭ ئۇچرىشارمىز بىز نەدە دوغاچ ئىچكەچ ۋاي ئامرىغىم ئاڭلىۋاللى بىر پەدە ئۆيۈڭ يىراق لەڭگەدە ئۇچرىشارمىز بىز نەدە چىلىپ بىرەي تارتىنساڭ يولدا ماڭغاچ بىر پەدە  بۇ تۇيۇقسىز كەلگەندە يىغا كەلكۈنى توغان تۇرىمەن بولما ئاۋارە ئەڭ ئاخىرقى رەت تەبەسسۇم ئۈچۈن ئاشىق مەشۇقلارنىڭ يۈرەكلەرى پارە بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى سەبىيلەر تېنىگە سانجىلسا تىكەن بولدىڭىز مۇستەھكەم پولات قورغانى