Tot Baxi Bar

تۆت بەشى با شىر بەگ ئىزدىمىسەم يوقاپ كەتتى دەپ قالماڭلار ئىزدەي دېسەم بۇ كۆڭلۈمنىڭ بىر غەشى با يىقىلسا دەپ ئويلايدىغان ئاغىنەمدىن ئەتراپىمدا چۆگىلەپ يۈرگەن تۆت بەشى با مەن تەر تۆكسەم جاپايىمغا ئۈندىمەيدۇ يەيمىز دېسەم ئاي قاراڭغۇ تۈن دىمەيدۇ ئۆزى تاپسا تىقىپ يەيدۇ كەل دېمەيدۇ نەسلى ناچار ئاغىنەمدىن تۆت بەشى با ياخشىلىققۇ ئەسلا زىنھار كۆتۈرمەيدۇ نۇقسان تاپسا مەندىن زىغىر كۆتۈرمەيدۇ پايدام تەگسە ئەتراپىمدىن كېتەلمەيدۇ بۇ كۆڭلۈمدە چېكىپ ئۇرغان تۆت بەشى با مەن يىقىلسام نەچچە قېتىم كۈلۈپ كەتكەن دەس تۇرغانتىم چىرايلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن مەن بىلىمەن تەييارىمغا كۆنۈپ كەتكەن بېقىنىمد ا ساختا كەمتەر تۆت بەشى با تىللىرىدىن مېنى ماختاپ سۆز چىقمايدۇ غەيۋىتىگە رومان يېزىپ بېسىقمايدۇ قىزغنىشتىن سەھنىسگىمۇ ئەپ چىقمايدۇ ئۆزۈم يىسەم دەيدىغاندىن تۆت بەشى با بەزى چاغدا دوسىتنى ئويلاپ كۈلۈپ كېتىمەن قول ئىلىشقان قوللىرىمغا ئۇرۇپ كېتىمەن مەن بىلمەيمەن قاچانلىققا ئۆلۈپ كېتىمەن مۇشۇنىمۇ دەپ بېرىدىغان تۆت بەشى با