Music
رەڭ ئىزلىگەن كۆزلىرىڭ ھېرىپ كەتتىمۇ ؟
تەم ئىزلىگەن تىلىڭمۇ قۇرۇپ كەتتىمۇ ؟
مەنزىلىڭگە قەدەملىرىڭ بېرىپ يەتتىمۇ ؟
كەل ، ئولتۇر ، ئال ، ئىچ بىر قارا قەھۋە .
شىكەر قوشۇپ ئازابىڭغا قېينالما بولدى ,
ياراڭنى گۈل دەپ ئۆزۈڭنى ئالدىما بولدى .
ئوتى يوق ئوچاقتا يالغان قاينىما بولدى ،
كەل ، ئولتۇر ، ئال ، ئىچ بىر قارا قەھۋە .
كەل ،ئولتۇر ،ئال ،ئىچ ، ئۆز - ئۆزۈڭگە چۆك ،
قىرتاق تەم، قارا رەڭ، بوز يەر، زەڭگەر كۆك .
ساختا رەڭ، يالغان تەم، ياراشمىغان بۆك ،
كەل ، ئولتۇر ، ئال ، ئىچ بىر قارا قەھۋە .
شىكەر قوشۇپ ئازابىڭغا قېينالما بولدى ،