Lyrics: VK-RUSS/我不是神
Music: VK-RUSS
Arranger: VK-RUSS
مۇزىكا.
خەقنىڭ يۇرتىدا ، مەن تېز يەتكۈزۈش توشاتتىم .
ئالتە يىل باققان قىز دوستۇم توي قىلىپ كېتىپتۇ توساتتىن .
لىغىرلىدى ياش كۆزۈمدە ، ئەمما كۈلكىنى قوشاتتىم .
ھاڭ تاڭ قالدىم شۇ كۈندىن باشلاپ غورۇرۇمنى بوشاتتىم .
گۇۋاھ بول ئاي مەن بىر تىرىك لاي .
نېمىشقا قولنى تەڭلىسىلا يېتەلەيدۇ باي ؟,
مەن زېرىكتىم ھاياتتىن پۇل تاپالماي تالانتتىن .
چىقىش يولىنى سەن دەپ بەر ، مەن بىرىنچى بولۇپلا باراتتىم .
مەن سېنى سۆيەتتىم جېنىم ، ئەمما نەق مۇشۇ پېتى قالدىم .
توي كۆينەكنى كىيىپسەن ئۆتۈپ كەتتىڭ ياندىن .
ئىچىمنى بىر نېمە يەپ كېتىپ بارىدۇ قانداق قىلىمەن دەپ باقە ؟,
لاي پېتى ئۆيدە يېتىپ كەتتىم تاماق ئۆتمىدى گالدىن .
ئالتە يىل مەن تاماق توشۇدۇم ، خەققە يالۋۇرۇپ ئىشىككە .
تولا ئىتتەك تىل ئاڭلايتتىم ، تاماق قاچا تېشىشكە .
داپرۇس تارتىپ نەچچە رەت مېنىڭ مەيدەمدىن بىر ئىشتەرسە,
ئويلاپ كېتەتتىم يۇرتنى تاشلاپ سەن بىلەن توي قىلىپ كېتىشكە .
قىزلىقىڭنى يوقاتمىغان مەن راست نەچچە رەت توستۇم .
قىز پېتى سېنى ساقلاۋاتقان يامان ئىشتىن توستۇم .
توي قىلىشقا ئازلا قالغان سەن باينىڭ قولىنى تۇتقان چاغدا .
مەن شۇ كۈندىن باشلاپ غىشمەس يول بويىدا قۇستۇم .
بەخىتلىك بول دېمەيمەن ، ئەمما بەختىمنى بىر تەپكە .
ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالاي مەن بىرگە بىر بولسىمۇ ئەپكە .
ئاق كۆڭۈللۈك ساددىلىق ، مېنىڭ ئۇتتۇرۋەتكەن دۆتلۈكۈم .
كەينىڭدىن ، مەن ئالتە يىل يۈردۈم كەيگىنىم يېشىل شەپكە .
سۆيگۈنىڭمۇ پۇلى بىلەن سېنىڭ قارايدىكەن ئۈستى بېشىڭغا .
ھېچقانداق ئىش ھەل بولمايدىكەن ئاققان تەر بىلەن يېشىڭغا .
مەيلى نېمە ئىش قىلساڭ ، مەيلى ، ئىككى يانچۇق توملا بولسا .
باش كۆتۈرگەندە ھەممە نەرسە قايتىپ كېلەرمىش قېشىڭغا,
قولۇمدا ھازىر زاكاس بار ، مەن ئۈستىگە رەسىم چاپلىدىم .
پۇلۇمنى يەنە بىر تۇتمىسۇن دەپ يۈگۈردۈم ، مەن ئاتلىدىم .
ئىشەنمەيمەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ مۇھەببەت نەرسىگە .
خىيانەتنى يېزىۋەتكەن خاتىرىنى ، مەن قاتلىدىم 。
歌曲贡献者:UD