Lyrics: Heyder
Music: Heyder
ئاشىقسىز مەشۇق
Musicperwer
بۇ ئاخشام ئۇيقۇ يوق سېنى ئويلاۋاتىمەن
يېنىمدا باردەك بېشىڭنى سىلاۋاتىمەن
باغرىمغا بېسىپ چىڭ تويمايۋاتىمەن
چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ ئۇقمايۋاتىمەن
قۇرۇپ مەن قاقشال بولۇپ كەتتىمغۇ توزۇپ
كۈتمىگەن يەردىن كەلگىنى بۇرۇن
جېنىم دېدىڭ جېنىمنى ئېلىپلا كەتتىڭ
بىر چېكىت قېنىڭنى ئېقىتىپ كەتتىڭ
شۇ چاغدا شۇ جايدا تۇرۇپ قاپتىمەن
شۇ دوقمۇشتىكى شۇ قاۋاقتا قونۇپ قاپتىمەن
ساقلىدىم مەھەللەڭدە ، شۇ تىنجىق كۈنلەردە
ئىتلارمۇ قالماس جىمجىت تۈنلەردە
سەنمۇ قۇرۇق كەلمىدىڭ ئېلىپ كەپسەن قەھرىتاننى
مەن غېرىبقا يەتمىگەندەك بۇ زىمىستاننى
قولۇڭدىن تۇتۇپ ئۆتكۈزدۈم ، مەن يولدىن
تىترەك قولۇمغۇ ئەزىزمۇ رولدىن
ئاخىرقى بېكەتتىن ئۆتتۈڭ قوللارغا قولدىن
نېمىلەرنى كۈتەر ئۇلار ، سەن ساددا گولدىن
يەشكۈزۈش ئاسانكەن ، كىم كىيدۈرەلەيدۇ ؟
پۇل خەجلەش ئاسانكەن ، كىم كۈلدۈرەلەيدۇ ؟
خەق يېدى ئېشىڭنى ، ئەمدى كېچىكتىم بىلىمەن
مەن يەيمەن غېمىڭنى سېنى ياخشى كۆرىمەن
سۈرگەن شۇ خىياللار داچىمىز مەرمەر
ئوغلىمىزنىڭ ئىسمىنى قويىمىز ھەيدەر
ئۇنتۇلۇپ شۇ كۈنمۇ تەڭ چالغان پەدىمۇ
قول تۇتۇشۇپ قىلغان شۇ راست يالغان ۋەدىمۇ
ئۇقمىدىم دېگىنىم چىن گەپمۇ تەنىمۇ
ئېگىز پەس گەپ خالاس يوق . باشقا مەنىمۇ
تاللىدىم بۇ بېيىتمۇ ناخشىمۇ تۇيمۇدۇم
ئېيتقىنىم رەپمۇ شىئىرىمۇ ئۇقمۇدۇم
زەينەپنىڭ نالىسى كاككۇم نەدە
كاككۇكسىز ئۇچمايمەن ئۆمىلەي يەردە
لەيلىنىڭ مەيلى مەجنۇنغا ، مەجنۇن
زۆھرە ، سىز تاھىرمۇ تۇرالماس ، مەغرۇر
شېرىننىڭ ئاۋازى پەرھاتنىڭ كۈيى
سەنەمنىڭ قاياشى غېرىبنىڭ روھى
لەۋزىمتى ئالىمەن دەپ يالغان ئارىلاشمىدى
سەنسىز بۇ كۈنلەر ماڭا ياراشمىدى
چۈشەنمىدىم گېپىڭنى ئەمدى ئىزدەشمىدى
ناتونۇش بولۇپ كەتسەك سىز دەپ ئۆتۈشمىدى
ياز بولدىمۇ توۋا ، ئىللىمايۋاتىمەن
قىش كىردىمۇ ، يا ھېچ بىر توڭلىمايۋاتىمەن
توي قىلىش تەس ئەمەس سەنسىز كۈن ھارام
بۇلدۇقلاپ چىققان ياش ، ئەمدى تۆكۈلمەس تارام
يېشىممۇ ئاقمايدۇ تېشىغا ھارام
قان قىلىپ يۈتتۈم ئىچىمگە داۋام
ئۇنتۇدۇم ياشايمەن زىممەمدە يۈك بار
دادامدەك ياشايمەن مەيدەمدە تۈك بار