Kizim 女儿

  قىزىم سىز بىلەن بۇ قەلبىم يورۇق كۆڭلۈم پۈتۈن ،  بىر جېنىمغا مىڭ جان كەبى دەرمان قىزىم .غۇنچە بولغان بويىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن ، بۇلۇڭ ئەبەد مېنىڭ ئۈچۈن ئامان قىزىم . باغرىم قىزىم مېھرى ئاتەش گۈلخان قىزىم ، ئۆمرىمىزنىڭ زىننەت گۈلى رەيھان قىزىم . بىز سىز بىلەن تاپتۇق ھايات مەناسىنى ، ئۆيىمىزنىڭ مەلىكىسى ئوماق قىزىم  سىز ئۈچۈنلا سەكپارىدۇر ھەر ئان دىلىم ، تۈنلىرىمدە گويا نۇردەك يانغان قىزىم . كۈلكىڭىزدىن توزۇپ كېتەر غەم ـ غۇسلىرىم  سىز بار بولغاچ بەختىىمگە با ئىمكان قىزىم باغرىم قىزىم مېھرى ئاتەش گۈلخان قىزىم ، ئۆمرىمىزنىڭ زىننەت گۈلى رەيھان قىزىم . بىز سىز بىلەن تاپتۇق ھايات مەناسىنى ، ئۆيىمىزنىڭ مەلىكىسى ئوماق قىزىم .