Way Daday / 跳舞歌曲 / Qatma usul

Arranger: Dilmurat Abdusalim Lyrics: Dilmurat Abdusalim  ئۆگزەمگە توخۇ چىقتى.   ۋاي دادەي تاخ دىسەم توپا چۈشتى  يارنىڭ تەقدىرى بىلەن ۋاي دادەي  مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا چۈشتى ۋاي دادەي  سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا چۈشتى  زاراڭزىيۇ زاراڭزا ۋاي دادەي  ئېچىلىپتۇ ھەر ياڭزا ۋاي دادەي ئېچىلىپتۇ ھەرياڭزا  ھېچ كىشىگە كۆيمەيتتىم ۋاي دادەي  سىزگە كۆيدۈم بالاڭزا.   چىڭگىلىككە چىڭگىلىك ۋاي دادەي  يارنىڭ باغى چىڭگىلىك.   سۆيسە مەندەك سۆيگۈلۈك ۋاي دادەي.   سۆيمىسە بويتاق يۈرگۈلۈك.   ئۆگزىمگە تولا چىقىپ ۋاي دادەي  چەللەمنى كاما قىلما. ۋاي دادەي چەللەمنى كاما قىلما  سەندىن باشقا يار تۇتتۇم ۋاي دادەي  ئەمدى سەن تاما قىلما.   يار بېغىدا زاراڭزا ئېچىلىپتۇ ھەر ياڭزا.   يۈرەككە ئوتنى سېلىپ قويۇپ.   قاياققا قاچتىڭ بالاڭزا.  ئاتىم كەتتى ئالدىمدا  قالدى قامچام يانىمدا.   ئەجەب ئىچىم كۆيىدۇ.   كۆزى قارا يارىمغا.   ئات مىندىم يۇرۇڭقاشقا  چاپتۇردۇم شېغىل تاشقا.   ھەر كىشىنىڭ يارى باشقا.   ئوخشامدۇ قەلەم قاشقا.   مەن يارنى كۆرەي دەيمەن.   يېنىغا باراي دەيمەن.   ناخشامغا قېتىۋېلىپ.   كۆڭلىنى ئالاي دەيمەن.