كۆڭدۇم
كۆيدۈم ساڭا مەن كۆيدۈم.
يۈرىكىمدىن مەن سۆيدۈم.
ئاشىق ئوتى قەلبىمدە.
يەتسەم سېنىڭ ۋەسلىڭگە
نۇقسان يوقتۇر ھۆسنىڭدە.
مېھرىڭ چوڭقۇر كۆڭلۈڭدە.
سېنى ھەر يان ئىزدىدىم.
سەۋدا ئارىلىقتا تاللىدىم.
قاراپ مېنىڭ كۆزلىرىمگە.
شەېدا قىلدىڭ ئۆز ئۆزۈڭگە.
ئاشىق بولۇپ تەلمۈردۈم مەن.
ئانار، ئانار يۈزلىرىڭگە.
نۇقسان يوقتۇر يۈزۈڭدە
مېھرىڭ چوڭقۇر كۆڭلۈڭدە.
سېنى ھەر يان ئىزدىدىم.
سەۋدالىقتا مەن قالدىم.