قارا قاشلارىڭ بۈدرە ساشلارىڭ
كۆرسەم كۆرگۈم كىلەدۇ
ئالما يۈزلەرىڭ خۇما كۆزلەرىڭ
مۇڭداشقان ئىدۇق ئايدىڭ كىچىدە
كەلگۈسىمىز ئىستىقبال ئۈستىدە
ئايمۇ كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى
سىنىڭ قىلغان گۈدەك سۆزۈڭگە،شىرىن سۆزۇڭگە
يار سېنى ئىزلەپ بارسام مەلەڭگە
يولدا رەقىپلەر توسسا مەيلىمۇ
ياكى ئاڭلىماي شېرىن سۆزۈمنى
گۈلدەك چىرايىڭ سۇلسا مەي لىمۇ
ئىنتىزار بولۇپ شىرىن سۆزۇڭگە
ئازاپ ئىچىدە ئۆتسەم مەيلىمۇ
ياكى كۆرەلمەي ئايدەك يۇزۇڭنى
دەردلەر ئىچىدە ئۆلسەممۇ مەيلىمۇ
قارا قارا قاغىلا قايرىلىپ ئۇشتى
ھويلاڭدىكى چىنارىڭنىڭ شىخىغا قوندى
كىشنىڭ يارى يىنىدا كۈندە مۇڭداشتى
مىنىڭ يايرىم ژىراقتا كۆزۇمدىن ئۇشتى
ئىگىز ئىگىز تاغ باشىدىن سىرىلدىم تۈزگە
قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئىگىلدىم سىزگە
مەيلى بىىىلىڭ مەيلى بىلمەڭ مەن كۆيدۈم سىزگە
ئىشقىڭىزدا كۆيۈپ ئۆلسەم ئۇۋالىم سىزگە
بىلەمسىزكىن بىلمەمسىزكىن كۆيدۇم مەن سىزگە
ئوتىڭىزدا ئۆلۇپ كەتسەم ئۇۋالىم سىزگە
ئىشقىڭىزدا كۆيۇپ ئۆلسەم ئۇۋالىم سىزگى