Lyrics: Tiwip/ARFT
Music: Tiwip/ARFT
Arranger: Tiwip/ARFT
封面:疆味Flow0999
语录部分:Bahadir文案库
Tiwip
تاپشۇرۇپ ئالدىڭمۇ ئانا خەت كەلدى ۋاپاسىز ئوغلۇڭدىن
رەھمەت ئېيتىمەن ساڭا ئەركىلىتىپ پەپىلەپ چوڭ قىلدىڭ
قەيەردە بولساڭ بالام دەپ ئويلاپ ، تەتۈر پىشانەمنى ئوڭ قىلدىڭ
سەن مېنى جېنىڭدىن ئەزىز دەپ بىلسەڭ مەن خەقنى سەندىن چوڭ بىلدىم
كىچىكىمدە مەكتەپ يولغا سالاتتىڭ كۈندە بېرەتتىڭ بەش كويدىن
تاتلىق تۈرۈمنى بالام يېسۇن ، دەپ ئېلىپ كېلەتتىڭ ، سەن تويدىن
بالا تېرىپلا يۈرەتتىم كەچكىچە كۆڭلۈڭنى تولىمۇ غەش قىلدىم
بەزىدە تېرىكىپ دەپ قوياتتىڭ ھەجەپ زېرىكتىم سەن گۇيدىن
سينى ئىلغاپ ياراتمايتتىم ئەتىكەن ھەر ۋاق تامىقىڭنى
تولا قاقشاپ دەپ كېتەتتىڭ ئۆزگەرتمە يامان ئادىتىڭنى
ئۈمىدىڭنى يەردە قويدۇم چىقىرالمىدىڭ ھاردۇقۇڭنى
، ئەسلى بىر گۈزەل پەرىشتىتىڭ سەن مەن ئۈزۈۋەتتىم قانىتىڭنى
بىر كىتاب پۈتۈپ چىقىشى مۇمكىن ، ئانا دەپ يازسام نەچچە بەت
، توققۇز ئاي ، قورساق كۆتۈرۈپ تولغانغانسەن نەچچە رەت
بىلىمە ھەممىنى ئۆزۈمگە ئايان قەرزىم بار ، ساڭا نەچچەلەپ
قۇربىم يەتسە شۇ قەرزىمنى قايتۇرغۇم بار ھەسسىلەپ
دادامدىن كىچىكلا قېلىپ قالغاچقا بىزگە ئانا ھەمدە دادا بولدۇڭ
بار قىلغۇلۇقنى ئۆزەم قىلىپ تۇرۇپ ، يەنە سەندىن نارازى ، خاپا بولدۇم
سەنبەگە شۇ مېھىر مۇھەببەتنى كوچىدىكى خەقلەر بېرەلمىدى
دادامدەك بولۇش تەس ئىشكەن ئانا مەن يارىماسكەنمە لاتا بولدۇم
歌词翻译:Aziza