Arranger: Mamtimin Amat 麦麦提明
ئات مىنىپ سەھراغا چىقساڭ
قامچە رەستىڭ مەن بۇلاي
ھەممە كىشىنىڭ كۆزى سەندە
تىلتۇمارىڭ مەن بۇلاي
سەيلىخان سەھرادا ھەمرايىڭ
ئا يارەي چۆللەردە ھەمرايىڭ بۇلاي
سايدا ئۆسكەن ساي دەرەخنىڭ
سايىسى بولماس ئىكەن
ئالدىراپ بەرگەن كۆڭۇلنىڭ
ئەتىۋارى يوق ئىكەن
سەيلىخان سەھرادا ھەمرايىڭ بۇلاي
ئا يارەي چۆللەردە ھەمرايىڭ بولاي
ساماۋىرىم بولسىدى
چاينىلىرى قايناپ تۇرسىدى
بىر چىنە چاينى ئىچكىچە
يارىم ئويناپ تۇرسىدى
ساماۋەرنىڭ سازىمەن
كۆكتە ئۇچقان غازىمەن
سەن يار بىلەن بىر بولسام
ئۆلگەنىمگە رازىمەن
بادام دپپام بار دەيسەن
كەيمەيدىغان نىمەڭگە
ئاخشاملىققا كەل دەيسەن
چىقمايدىغان نىمەڭگە
قاسقاندا مانتا سىۋەتتە سامسا
يىمەيمەن ئاكا دەپ يىغلاسۇن
ئۆزىنى ئۆزى چاغلىسۇن
بىلىنى مەھكەم باغلىسۇن
بىزنى يامان دىگەنلەر
ئاھ يۇرىكىم دەپ يىغلاسۇن
قاسقاندا مانتا سىۋەتتە سامسا
يىمەيمەن ئاكا دەپ يىغلاسۇن
يىمەيمەن ئاكا دەپ يىغلاسۇن