Billa oynayle

Lyrics: Ablat Awut Music: Ablat Awut Arranger: Ablat Awut بىللە ئوينايلى گۈل تۈۋىدە ئولتۇرسام يارىم گۈلى يوقمىكىن دەمسەن . خىيال قىلىپ ئولتۇرسام يارىم . يارى يوقمىكىن دەمسەن ؟ چىمەن چىمەندە گۈل دادەي . ئازادە باغىم. بېغىڭغا كىرەي دەيمەن يارىم، شورا بولمىسۇن دەيمەن . ئايرىلىپ كېتەي دەيمەن يارىم . ئۇۋال بولمىسۇن دەيمەن . چىمەن چىمەندە گۈل دادەي . ئازادە باغىم شايىدىن شاپاق دوپپام . شاپتۇل شېخىدا قالدى . تۆت كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق . يۈرەكلەردە داغ قالدى . يارىم بارمىغان تويغا . مەن سورىماي بارالمايمەن . يارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك . چاي قۇيۇپ ئالالمايمەن . ئۆرگىلىپ ئوينايلى يا دوست . چۆرگىلەپ ئوينايلى يا دوست ئاشىق مەشۇق جۈپ بولۇپ . ئېچىلىپ ئوينايلى يا دوست يا دوست يا دوست جان يا دوست . كۆيەمسىز ماڭا سىز يا دوست . ئىشەندۈرۈڭ سىز مېنى . سۆيگۈڭىزگە جان يا دوست . مېنىڭ سۆزۈمنىمۇ ئاڭلاڭ ھە . قۇلىقىم سىزدە سۆزلەڭ ھە . ئوي ئىشەنمەمسىز سۆيگۈمگە يا دوست ئوي مەنمۇ كۆيىمەن سىزگە يا دوست . دۇتتارنى چالالاملا ۋاي چالالاملا . پەردىسىنى باسالاملا يا دوست . بىز ماڭغان كوچىلاردا ۋايجان ۋايجان ياش باللا دۈم چۈشمەي ماڭالاملا يا دوست . مەن بارالمىدىم تۇزغا ۋاي باللا تۇزغا . مەيدەمنى ياقاي مۇزغا يا دوست بىر موچەننىڭ تايىنى يوق ۋايجان ۋايجان ياش باللا ئاجايىپ كۆيىمەن قىزغا يا دوست . ئوي شۇنداق كۆيىمەن قىزغا يا دوست .