dolan mukami

Lyrics: Ablat Awut Music: Ablat Awut Arranger: Ablat Awut دولان مۇقامى ئاتامغا نېمە دەپ يىغلاي ئانامغا نېمە دەپ يىغلاي ئېتىمنىڭ ئالدىدىن ئاشقان ساماندەك ساغىرىپ يىغلاي باردى دەيدۇ ياندى دەيدۇ مەيلىم ئۆزۈمنىڭ سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزۈمنىڭ ئۇيان ئۆتۈپ بۇيان ئۆتۈپ ئالاي كۆڭلۈڭنى قارچۇغىنىڭ بالاسىدەك ئىگەي بوينۇمنى يارمىنى يامان دەيدۇ بىلمەيمەن يامانلىقنى كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ تىلەيمەن ئامانلىقنى ۋاي كۆيدۈرىدۇ يارنىڭ ئوتى ۋاي سۆيدۈرىدۇ يارنىڭ ئوتى سۆيگۈگە تاشلاپ قويۇپ ئۆلتۈرىدۇ يارنىڭ ئوتى ۋاي ۋاي يارىم ، يارنى ياندا دېسە بولمايدۇ سەنلە يۈرگەن كوچىلاردا يۈرۈپ بولمايدۇ . دەردىم يۈرۈپ بولمايدۇ . ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي ھوي