ئانامنى ئەسلەپ
كۈپتىن بىرى چۈشۈم بۇزۇلۇپ،
ئۈتەر ئىدى خەشلىكتە كۈنۈم.
بۈگۈن مانا شۇم خەۋەر كىلىپ.
چۈشۈپ كەتتى ئىچىمگە ئۈنۈم.
ئانا شۇنداق يەرگە كىتىپسىز،
ئانا دىسەم ھە دىمەيدىغان،
ئانا دىسەم ھە دىمەيدىغان،
مەن قالدىم بەك ئىغىر ئازاپتا.
ھەسرەت تۇلغۇنۇپ ھەسرەت
ھەي ... ھەي ھەسرەت يەيدىغان.
بۇ دەردىمنى كىمگە ئىيتىمەن
بۇ ھەسرەتنى كىمدىن ئالىمەن
تەغدىر شۇنداققا كۈنگەشكەمەنمۇ،
شۇنداق دىمەي قانداق قانداق قىلىمەن.