Lyrics: OtKuR
Music: OtKuR
بىللە ئۆتتۇق تەڭ پىرەكلەپ ، بىر چىنىدە چاي ئىچىپ
بىللە كەلدۇق تەڭ پىرەكلەپ ئارزۇ ئارمان قوينىدا
ھەقتىمىز راھەت جاپادا بىر بولۇش ئەمەسمىدى
ئايرىلىش مۇمكىن ئىدى ، بارچە مۈشكۈل ئالدىدا
مەن سېنى سادىق ۋاپادار مېھرىبان دوست دەپتىمەن
سېنى ئادەم چاغلىغاچ قەستىڭنى زەپ بىلمەپتىمەن . .
دوست دېسەم ھەر دەم يېنىمدىن تېپىلاتتىڭ سايىدىن ،
ئەمدى سەن بار يەردە ، مەن يوق ئايرىدى سەۋدا پەلەك .
دوستلۇقۇڭ شۇنداقمىدى دوستۇڭ ساڭا قونداقمىدى .
ئەرزىمەس بىر ىش ئۈچۈن قىلدىڭ غۇنامەرد ئارت قىلى
پاك تۇغۇلدۇڭ ، پاك ياشايمەن پاكلىغىن قىممەت ماڭا .
قويمىغاي تەڭرى مېنى بىر بۇ جاھانغا خار قىلىڭ ؟
قويمىغاي تەڭرىم مېنى ، بۇ جاھانغا خار قىل .
مەن سېنى سادىق ، ۋاپادار مېھرىباندوست دەپتىمەن
سېنى ئادەم چاغلىغاچ قەستىڭنى زەپ بىلمەپتىمەن .
دوست دېسەڭ ھەر دەم يېنىمدىن تېپىلاتتىڭ سايىدەك ،
ئەمدى سەن بار ، يەردە ، مەن يوق ئايرىدى سەۋدا پەلەك .
ئەمدى سەن بار ، يەردە ، مەن يوق ئايرىدى سەۋدا پەلەك .
ئەمدى سەن بار يەردە ، مەن يوق ئايرىدى سەۋداڭ پەلەك