Yalghuz

يالغۇز
دىلىم ھىجراندىمەن يالغۇز كۆزۈم گىرىياندىمەن يالغۇز تىكەندۇرمەن باياۋاندا ئۆزۈڭ رەيھاندا مەن يالغۇز
نېسىپ بولسۇن ، ساڭا ئاپتاپ زىمىستان باغ ئۆزۈم يالغۇز ياشاپ ئۆت خان سارايدا غېرىپ ئايۋاندا مەن يالغۇز
سېنى دەپلا ياشاپ كەلدىم ۋىسال تاپقاندا مەن يالغۇز ساڭا ياغسۇن باھار ، مەڭگۈ كۆيەي گۈلخاندىمەن يالغۇز
بولۇپ بۇلبۇل كەبى سايراپ ئۆتەي بوستاندا مەن يالغۇز قۇياش ئايلار سېنىڭ بولسۇن يۈرەي ئاسماندا مەن يالغۇز
سىڭىپ كەت ، نۇر كەبى كۆككە كۈتەي دەرماندىمەن يالغۇز بەختنىڭ دىلبىرى بولغىن قالاي ئارماندا مەن يالغۇز