Lyrics: Beyer
Music: Beyer
ئۆستەڭ بويىدا جىرىم ۋاي جىرىم
جىرىم تۈۋىدە چىلىم ۋاي دادەي
بەڭگىنى بەڭگى دېمەڭ ۋاي بەڭگى دېمەڭ بەڭگىنىڭ سۆزى شېرىن ۋاي دادەي
جانىم جانىم جانلە، خانىم ئاشنا خانلە خوتەندىكى شوخ باللە قار كۆز نادان ياللەر
ئۆستەڭ بويىدا ياتىپ ۋاي ياتىپ
خام تاماكىنى تاتىپ ۋاي دادەي
يار كەلمەيدۇ ھال تارتىپ ۋاي ھال تارتىپ
بىز بارمايمىز يالۋاتىپ ۋاي دادەي
جانىم جانىم جانلە، خانىم ئاشنا خانلە خوتەندىكى شوخ باللە قار كۆز نادان ياللەر
ئۆستەڭ بويىدا قۇدۇق ۋاي قۇدۇق ، قۇدۇق بېشىدا تۇردۇق ۋاي دادەي
سەن خوتەندە ئوينىساڭ ئاھ ئوينىساڭ بىزمۇ ئوينىغاچ تۇردۇق ۋاي دادەي
جانىم جانىم جانلە، خانىم ئاشنا خانلە خوتەندىكى شوخ باللە قار كۆز نادان ياللەر
ئۆستەڭ ياقىلاپ كەپلا ۋاي كەپلا
چاي دەملىگەچ كەلمەپلا ۋاي دادەي
قورساقنىڭ ئېچىشىغا ۋاي ئېچىشىغا گۆش نان ئالغاچ كەلمەپلا ۋاي دادەي
جانىم جانىم جانلە، خانىم ئاشنا خانلە خوتەندىكى شوخ باللە قار كۆز نادان ياللەر