Arranger: Umarjan Ahat
كۆڭلۈمنى دەپ
ئۆمەرجان ئەھەت
Umarjan Ahat
ماڭا راس سۆزۈڭنى ئېيىت
ئالدىما كۆڭلۈمنى دەپ
ساختىلىقنىڭ يولىنى
ئارلىما كۆڭلۈمنى دەپ
ماڭا دەت غەمكىنلىكىڭ
ماڭا دەت مىسكىنلىكىڭ
ئۆز ئەقىدەڭنى گۈلۈم
خارلىما كۆڭلۈمنى دەپ
كۆڭلى چۈشكەننى ئەزىزى
بىلمەك ئەيىپ ئەيىپ ئەمەس
مېنى سۆيگۈڭدىن كىچىپ
تاللىما كۆڭلۈمنى دەپ
نە ھۇزۇر بولغاي ماڭا
مېنى مەجبۇر يار دىسەڭ
گۈلنى گۈلزار باغرىدىن
ئايرىما كۆڭلۈمنى دەپ
ئىككىمىز باسقان قەدەم
سۆيگۈگە ئۇل سالمىسا
كەلمىكىمنى گۈل ئېلىپ
ساقلىما كۆڭلۈمنى دەپ
ئىككىمىز باسقان قەدەم
سۆيگۈگە ئۇل سالمىسا
كەلمىكىمنى گۈل ئېلىپ
ساقلىما كۆڭلۈمنى دەپ
رەنجىشىم يوقتۇر مىنىڭ
خوش دىسەڭ بەختىڭ ئۈچۈن
خوش گۈلۈم كەت باشقىنى
ئويلىما كۆڭلۈمنى دەپ
رەنجىشىم يوقتۇر مىنىڭ
خوش دىسەڭ بەختىڭ ئۈچۈن
خوش گۈلۈم كەت باشقىنى
ئويلىما كۆڭلۈمنى دەپ